11- ئاينىڭ 27- كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربى، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدىكەن. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، قۇمۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 6 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى كونا شامال ئېغىزى ۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى نوقاي شامال رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇلانباي ۋە خۇڭيەنچى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا 9 ~ 10 بال بوران، 11 بالدىن 13 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن. تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن جايلاردا ئارىلاپ تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ قار ياغىدىكەن. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە زور بولمايدىكەن.
11- ئاينىڭ 28- كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق قىسمەن جايلاردا ئازراق قار ياغىدىكەن. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، قۇمۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 6 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى كونا شامال ئېغىزى ۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى نوقاي شامال رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇلانباي ۋە خۇڭيەنچى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا 9 ~ 10 بال بوران، 11 بالدىن 13 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن. تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن جايلاردا ئارىلاپ تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ قار ياغىدىكەن. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە زور بولمايدىكەن.
تەييارلىغۇچى: دىلرابا ئەنۋەر، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا