ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 16 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە تۇماندىن سېرىق ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى تارقاتتى، مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى 24 سائەت ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا كۆرۈش ئارىلىقى 500 مېتىردىن، قىسمەن جايلاردا 200 مېتىردىن تۆۋەن بولغان تۇمانلىق ھاۋارايى ئارىلاپ كۆرۈلىدىكەن، مۇداپىئەنى كۈچەيتىشنى ئەسكەرتىمىز.
تەييارلىغۇچى: دىلرابا ئەنۋەر، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا