ئۈرۈمچى قىزىلتاغ باغچىسىدىكى مۇز تېيىلىش مەيدانى، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدىكى قار- مۇز دۇنياسىغا بېرىپ كېلىڭ... قار- مۇز ساياھەت پەسلىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى چوڭ باغچىلارغا بېرىپ، قار- مۇزنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلغىلى بولىدىغان بولدى.
بۇ مەزگىلدە، ھەر قايسى چوڭ باغچىلار باغچا رايونىدىكى تەنھەركەت مەيدانى، مەنزىرە كۆلى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، مۇز تېيىلىش مەيدانى، قار ئويۇنلىرىنى ئويناش رايونى قاتارلىقلارنى ئارقا- ئارقىدىن بەرپا قىلىپ، شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولغان قار- مۇز سەيلىسى تۈرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى قىشتا سەيلى- ساياھەت قىلىدىغان ياخشى جاي بىلەن تەمىنلىدى.
قىزىلتاغ باغچىسىغا كىرگىنىڭىزدە، تاغ ئېتىكىدىكى كۆلنىڭ مۇز تېيىلىش مەيدانىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇ يەردە مۇز تېيىلىشتىن باشقا يەنە قار چەمبىرىكى، مۇز چانىسى، مۇز ئۈستى سوقما ئاپتوموبىلى قاتارلىق ئويۇن تۈرلىرى تەسىس قىلىندى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىنىڭ قار- مۇز دۇنياسىدا، قار چەمبىرىكى يولى ۋە تۈرلۈك قار- مۇز كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى، ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى مۇز تېيىلىش مەيدانىمۇ سىرتقا ئېچىۋېتىلدى.
كېيىنكى مەزگىلدە ھەر قايسى چوڭ باغچىلار يەنە باغچا رايونىنىڭ مول قار- مۇز بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى يۈرۈشلۈك قار- مۇز سەيلىسى پائالىيەتلىرىنى پىلانلاپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قىشلىق مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىدۇ.
تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا