12- ئاينىڭ 4- كۈنى كېچىدىن 5ـ كۈنى كۈندۈزگىچە، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سۇس ياكى ئازراق قار، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال قار ياغىدىكەن؛ قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدا 4 ~ 5 بال غەربىي شىمال شامىلى، 8 ~ 9 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە زور بولمايدىكەن.
تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا