ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇروھىنىڭ 6 مەخسۇس لىنىيە ئاپتوبۇسى توپ مەستانىلىرىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدۇ.
12ـ ئاينىڭ 2ـ كۈنى، جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 2024-، 2025- يىللىق مۇسابىقە پەسلىنىڭ 2ـ باسقۇچلۇق مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىغا قايتىپ كېلىپ، يېڭى بىر ئايلانما مۇساپىنى باشلايدۇ، يەنى ئۆزلىرىگە تونۇش بولغان ئۆز مەيدانى- ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىگە قايتىپ كېلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 11- ئاينىڭ 27- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت 3- بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، مۇسابىقىدىن كېيىن قاتناشنىڭ راۋان بولۇشى، مەيداندىن تارقىغان تاماشىبىنلارنىڭ خۇشال- خۇرام قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى مۇسابىقىدىن قايتىدىغان يولۇچىلارنى توشۇش ئاپتوبوس لىنىيەسىدىن ئالتىنى ئاچىدىكەن.
ئالتە مەخسۇس لىنىيەدە ئاپتوبۇسنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتى شۇ مەيدان جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى ئۆلچەم قىلىدىكەن، لىنىيە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونى ۋە ئادەم زىچ رايونلارنى قاپلايدىكەن، مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تاماشىبىنلارنى توشۇيدىغان ئالتە ئاممىۋى ئاپتوبۇس لىنىيەسىنىڭ بېلەت باھاسى ھەر بىر ئادەمگە ھەر قېتىمدا بەش يۈەن بولىدىكەن، ھەر خىل ئېتىبار كارتىسى ئىشلىمەيدىكەن، لىنىيە بويىدا ئاپتوبۇستىن چۈشۈش ئېھتىياجى بار يولۇچىلار شوپۇرغا دەپ، ئاپتوبۇستىن چۈشسە بولىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا