مەملىكەتلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 2025- يىللىق ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، يېشى ماس كېلىدىغان ياشلار مەملىكەتلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش تورىغا چىقىپ، ئەسكەرلىككە ئاكتىپلىق بىلەن تىزىملاتسا بولىدۇ. ئۈرۈمچى جىڭبېي رايۇنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتىمۇ ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان. 2025- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئەسكەرلىككە تىزىملىتىش خىزمىتى 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىپ، 2025- يىلى 2- ئاينىڭ 18- كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. 2025- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ئەسكەرلىككە تىزىملىتىش خىزمىتى 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىپ، 2025- يىلى 8- ئاينىڭ 10- كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا