شىنجاڭ داۋالىنىش كاپالىتى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شىنجاڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر تور سۇپىسى ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدىغان بولغاچقا، ئالاقىدار كەسىپلەرنى بېجىرىشنىڭ ۋاقتىنچە توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 22 دىن 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى سائەت 10 غىچە، كەسىپ بېجىرىش ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ.
ۋاقتىنچە توختىتىلىدىغان كەسىپ دائىرىسى تۆۋەندىكىچە:
ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كەسپىنى بېجىرىش ۋە خېرىدار چاقىرىش- سېتىۋېلىش كەسپى (ھەر دەرىجىلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھۆكۈمەت ئىشلىرى زالى كەسپى ۋە شىنجاڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تور زالىدىكى بارلىق كەسپىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەمدە نۇقتىلىق تېببىي دورا ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىۋاستە راسچوت قىلىش كەسپى (ئۆز جايى، شىنجاڭ ئىچى ۋە ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا بىۋاستە راسچوت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى بېجىرىش ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ.
تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا