شىنجاڭدا يەنە قار يېغىپ، تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن

文摘   2024-12-21 22:00   新疆  

  12- ئاينىڭ 23ـ كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، قۇمۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سۇس ياكى ئازراق قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى، شىمالى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال قار، قىسمەن جايلاردا قېلىن ياكى قاتتىق قار ياغىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا 8 ~ 9 بال غەربىي شىمال بورىنى چىقىپ، تېمپىراتۇرا ئازراق تۆۋەنلەيدىكەن. 12- ئاينىڭ 24- كۈنى كېچىدىن 26 ـ كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالى، شەرقىي شىنجاڭدا يەنە بىر قېتىم قار يېغىپ، تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن.

  12- ئاينىڭ 21- كۈنى كېچىدە، ئۈرۈمچىدە ئازراق قار ياغىدىكەن، 12- ئاينىڭ 23- كۈنى كېچىدىن 24- كۈنى كۈندۈزگىچە ئوتتۇراھال قار يېغىپ، كېيىن ھاۋا ئېچىلىدىكەن، كۆپچىلىككە سىرىتقا چىققاندا ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئېھتىيات بىلەن ئاستا مېڭىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت

نازارەتچى:  ئەركىن رەخمىتۇللا


新疆1074交通文艺广播
新疆广播电视台1074交通文艺广播 TEL:0991-2500330 2500362
 最新文章