ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات

文摘   2024-12-10 21:30   新疆  

  شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىدا جۇدۇنلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ، بۇرچىندىكى قۇم يېزىسىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 31 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىغا چۈشىدۇ.

  يېڭى بىر قېتىملىق سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار يېغىپ، جۇدۇنلۇق ۋە بورانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن، قىسمەن جايلاردا تۆۋەن تېمپېراتۇرا 10 سېلسىيە گىرادۇستىن ئارتۇق تۆۋەنلەيدىكەن.

  بۇ ھەپتىدە شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ، ئاندىن قارغا ئۆزگىرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى- شىمالى قىسمى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار، ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى تاغلىق رايونلار، بورتالا ئوبلاستىنىڭ غەربى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قاتتىق قار ياغىدىكەن، يۇقىرىقى كۆپ قىسىم جايلاردا ئالتە بال ئەتراپىدا غەربى شىمال بورىنى، شامال ئېغىزلىرىدا 9- 10 بال بوران چىقىدىكەن.

  شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا 5 سېلسىيە گىرادۇستىن 8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى- شىمالى قىسمىدىكى قىسمەن جايلاردا تېمپۇراتورا 8 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، قىسمەن جايلاردا 10 سېلسىيە گىرادۇستىن كۆپرەك تۆۋەنلەپ، جۇدۇنلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن.

  قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، 12- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئالتە بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق بورىنى، قىسمەن جايلاردا شىۋىرغانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. 12- ئاينىڭ 16- كۈنىنىڭ ئالدى- كەينىدە شىمالىي شىنجاڭدا يەنە بىر قېتىم قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن.

تەييارلىغۇچى: دىلرابا ئەنۋەر، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت

نازارەتچى:  ئەركىن رەخمىتۇللا

新疆1074交通文艺广播
新疆广播电视台1074交通文艺广播 TEL:0991-2500330 2500362
 最新文章