ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرە بايرىمى باشلىنىدۇ

文摘   2024-12-02 20:52   新疆  

    22- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرە بايرىمى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئېچىلىش مۇراسىمى 12- ئاينىڭ 7- كۈنى «بەييۈن» خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا رەسمىي باشلىنىدۇ. ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى قار تېيىلىش مۇسابىقىسى، قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، خوگو بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. قار- مۇز مەنزىرە بايرىمى مەزگىلىدە يەنە قار- مۇز تەنھەرىكىتى مۇسابىقىسى، قار- مۇزدا ئويۇن قويۇش پائالىيىتى، قار- مۇز مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى پائالىيىتى قاتارلىق 200 دىن ئارتۇق مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    بۇ قىش پەسلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ باغچىلار قار- مۇزدا داكا قىلىش تۈرىنى ئارقا- ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇ تۈرلەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت باغچىسىدىكى «جۇڭگو- ئۈرۈمچى 2024-، 2025- يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك قار- مۇز بۇتخانا سەيلىسى»، تىيانشان كىچىك جىلغىسىدىكى «جىلغىدا قار- مۇزدىكى قىزىقارلىق كاتتا يىغىلىشى»، شىرېنگوۋ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى مۇز مەيداندا كۆڭۈل ئېچىش، تىيانشان چوڭ جىلغىسىدىكى قار- مۇز شاتلىقى بايرىمى، تىيانشان ئايدىڭ شەھەرچىسىدىكى گۈللۈك پانۇس، خەلق باغچىسى ۋە قىزىلتاغ باغچىسىدىكى مۇز ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.  

تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت

نازارەتچى:  ئەركىن رەخمىتۇللا


新疆1074交通文艺广播
新疆广播电视台1074交通文艺广播 TEL:0991-2500330 2500362
 最新文章