ئاي يىللارنى قوغلىشىپ،
كەلدى يەنە چىللە مەۋسۇمى.
چىللە ئۆتسە كۈندۈز ئۇزىراپ،
يەنە كېلەر نەۋباھار كۈنى.
12- ئاينىڭ 21 - كۈنى سائەت 17 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، چىللە مەۋسۇمى كىردى. بۇ شىمالىي يېرىم شاردا كۈندۈز ئەڭ قىسقا، كېچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىر كۈن، شۇنداقلا چىللە ساناش باشلىنىدىغان كۈن. بىرىنچى چىللە، ئىككىنچى چىللە دەپ ساناپ توققۇزىنچى چىللىغا كەلگەندە، باھارنىڭ قەدىمى يېقىنلىشىدۇ، بارچە ئۈمىدكە تولىدۇ. چىللە مەۋسۇمىدىكى بەنشىر تۈگۈش، تاڭيۈەن يېيىش قاتارلىق مۇراسىملار ئۆي- ئۆيلەرنى ئىللىقلىققا تولدۇرىدۇ.
چىللە مەۋسۇمى يېتىپ كەلدى، چىللە ساناش باشلاندى. بىرىنچى، ئىككىنچى چىللىدە قول توڭلايدۇ، پەلەي، باش كىيىم، شارپا قىشتا بىزگە ئىللىقلىق ئېلىپ كەلسە، بىر جۈپ تېيىلىشتىن ساقلىنىش ئايىغى بىزگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ. قىشتا كەڭ تەبىئەت ۋە بارچە شەيئى ئارام ئالىدۇ، ئادەم بەدىنىمۇ كۈچ- قۇۋۋەت توپلاپ، كۈتۈنۈشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى ئىسسىق تۇتۇپ، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ، ئوبدان ئارام ئېلىپ، قېنىپ ئۇخلاڭ، سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ، زىيادە چېنىقىشتىن ساقلىنىڭ، ئۆزىڭىزنى خۇشال تۇتۇڭ، كەيپىياتىڭىزنىڭ تۇراقلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.
تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا