40 نەچچە كۈن تىرىشىش ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونسۇل كوچىسىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى، ھازىر ئومۇمىي قۇرۇلۇشنىڭ %90 تىن كۆپرەكى تاماملاندى، قۇرۇلۇش مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدۇ. ھازىر كوچىغا نۇرغۇن مەدەنىيەت- سەنئەت ئەسلىھەسى ئورنىتىلدى، كوچىنىڭ قىسمەن تاملىرى يېڭى تۈسكە كىردى.
كونسۇل كوچىسى تىيانشان رايونىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتە غالىبىيەت يولىدىن باشلىنىپ، غەربتە شىنخۇا جەنۇبىي يولىغا تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 398 مېتىر كېلىدۇ، بۇ كوچىدا تۈرلۈك سودا دۇكىنىدىن 100 نەچچىسى بار بولۇپ، يېمەك ـ ئىچمەك، يېمەكلىك سودىسىنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ كوچا ئېرداۋچياۋ مەدەنىيەت سېھرىي كۈچى كوچا رايونىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان مەززىلىك تائاملار كوچىسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
تەييارلىغۇچى: دىلرابا ئەنۋەر، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا