2024- يىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى 12- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
2024- يىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى-- 16- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى 12- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە كۆلىمى 100 مىڭ كۇۋادىرات مېتىرغا يېقىن بولۇپ، كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرىلىدىغان ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ ماركىسى 70 تىن، كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئاپتوموبىل سانى 1000دىن ئاشىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى-- ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان ئاپتوموبىل سودىگەرلىرى ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشقاندىن باشقا، زاۋۇت، سودىگەر، تەشكىلىي كومىتېت قاتارلىقلارنىڭ كۆپ خىل ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش پاراۋانلىقى ۋە ياردەم پۇلىىنى بىرلەشتۈرۈپ، «ھۆكۈمەت، كارخانا، بانكا، كۆرگەزمە»نىڭ ئېتىبار ياردەم پۇلى «بىرىكمە مۇشت» شەكلى ئارقىلىق ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى قوزغىتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىدۇ.
تەييارلىغۇچى: دىلرابا ئەنۋەر، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا