غەربىي ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلاندى

文摘   2024-12-23 22:50   新疆  

  ئۈرۈمچى شەھەر غەربىي ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلاش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

  ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (غەربىي لىنىيە)دا 12- ئاينىڭ 21- كۈنى قاتناش باشلاندى. جۇڭگو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى گېجوۋبا گۇرۇھى ياسىغان بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 93.616 كىلومېتىر بولسىمۇ، لېكىن ئەھمىيىتى زور، بۇ تاشيولدا قاتناش باشلاش ئۈرۈمچى، ھەتتا شىنجاڭ ئۈچۈن زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

  بۇ تاشيولدا قاتناش باشلاش-- ئۈرۈمچىدە «ئۈچ ئايلانما» تېز سۈرئەتلىك يولىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  «ئۈچ ئايلانما» تېز سۈرئەتلىك يولى--- ھازىرقى تاشقى ئايلانما يولى (يەنى 1- ئايلانما يول)، 2- ئايلانما يولى، شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى كۆرسىتىدۇ.

   2020- يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئۈچ ئايلانما شەكىللىك يولغا 1- ئايلانما يولى، 2- ئايلانما يولى، 3- ئايلانما يولى دەپ رەسمىي نام بېرىلدى. ئەسلىدىكى شەرقىي ئايلانما كۆتۈرمە يولى، غەربىي ئايلانما كۆتۈرمە يولى، جەنۇبىي ئايلانما كۆتۈرمە يولى، شىمالىي ئايلانما كۆتۈرمە يولىنىڭ نامى بىر تۇتاش 1- ئايلانما يول؛ ئەسلىدىكى دۆلەت يولى 216- لىنىيەسى ئۈرۈمچى شەھىرى پاسىلدىن ئۆتۈش تاشيولى (شەرقىي 2- ئايلانما يولى) ۋە غەربىي 2- ئايلانما تېز سۈرئەتلىك يولىنىڭ نامى 2- ئايلانما يول؛ ئەسلىدىكى دۆلەت يولى 3003- لىنىيەسى ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (شەرقىي لىنىيەسى) ۋە دۆلەت يولى 3003- لىنىيەسى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (غەربىي لىنىيەسى) نىڭ نامى 3- ئايلانما يول دەپ ئۆزگەرتىلدى.

  1- ئايلانما يولدا 2000- يىلى قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2010- يىلى پۈتۈن لىنىيە بويىچە ياسىلىپ بولدى. 2- ئايلانما يولدا 2023- يىلى 10- ئايدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى. 3- ئايلانما يولىدىكى ئۈرۈمچى شەھەر شەرقىي ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى 2016- يىلى پۈتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمدىلا قاتناش باشلانغان غەربىي ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قوشۇلۇپ، ئۈرۈمچىدە ئۈچ ئايلانما تېز سۈرئەتلىك يول قاتناش ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، مەركىزىي شەھەر «ئۈچ ئايلانما» دەۋرىگە رەسمىي قەدەم قويدى.

  بۇ، شىمالدا ئالتاي تېغىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا ئالتۇنتاغ ئارىسىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول چوڭ ئۆتۈشمە يولىنىڭ تېز شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 90 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئۈرۈمچى شەھەر غەربىي ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى-- ئۆلكە يولى 21- لىنىيەسى ئالتاي- ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، دۆلەت يولى 0711- لىنىيەسى ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، دۆلەت يولى 30- لىنىيەسى ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، دۆلەت يولى 7- لىنىيەسى بېيجىڭ- شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭغا كىرىپ- چىقىشتىكى قاتناش تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇلۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك چوڭ ئۆتۈشمە يولىنى تۇتاشتۇردى.

  ھەممىگە ئايانكى، ئالتاي- ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن ئالتاي شەھىرىگە قاتنايدىغان ئەڭ تېز يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول چوڭ ئۆتۈشمە يولى بەرپا قىلىندى. لېكىن شەھەر غەربىي ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئالتاي- ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئارقىلىق ئالتايغا بېرىش ئۈچۈن، بىر بۆلەك يولنى ئايلىنىپ مېڭىشقا توغرا كېلەتتى. ھازىر ئايلىنىپ يۈرۈش ھاجەتسىز، شەھەر غەربىي ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئارقىلىق، بىۋاستە ئالتاي- ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا چۈشكىلى بولىدۇ.

  جەنۇبقا قاراپ ماڭغاندا، ئۈرۈمچى شەھەر غەربىي ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئۈرۈمچىدىن جەنۇبقا ماڭغاندا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن ئۆتۈپ چاقىلىق ناھىيەسىگە، ھەتتا چىڭخەي ئۆلكىسىگە بارغىلى بولىدۇ. يەنى شىمالدا ئالتايدىن جەنۇبتا چاقىلىققىچە بولغان ئارىلىقتا مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول چوڭ ئۆتۈشمە يولى شەكىللىنىدۇ.

  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى تۈگۈن قۇرۇلۇش-- تىيانشان غالىبىيەت تونېلى جىددىي قېزىلىۋاتىدۇ، ئاي ئاخىرىدا تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا كېلەر يىلى قاتناش باشلاشقا ئاساس سېلىنىدۇ. ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلانسىلا، ئۈرۈمچى- كورلا- چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ھەممىسى پۈتۈپ، ئالتاي- چاقىلىق پۈتۈن مۇساپىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دەۋرى يېتىپ كېلىدۇ.


تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت

نازارەتچى:  ئەركىن رەخمىتۇللا


新疆1074交通文艺广播
新疆广播电视台1074交通文艺广播 TEL:0991-2500330 2500362
 最新文章