12- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى، مەنزىرە رايونىنى ۋاقىتلىق تاقاپ باشقۇرۇشنى يولغا قويىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: قار ياغقانلىقتىن، مەنزىرە رايون يوللىرىدا قارلار يىغىلىپ قالغان بولۇپ، نۆۋەتتە قاتناش شارائىتى ھازىرلانمىدى، ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى 12- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن باشلاپ ۋاقىتلىق تاقىلىپ باشقۇرۇلىدۇ. مەنزىرە رايونىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ھاۋا رايى ئەھۋالىغا قاراپ ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ. ساياھەتچىلەرنى بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئۆزئارا يەتكۈزۈپ، ئۆز مۇساپىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەسكەرتىمىز.
يەنە بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونى مۇنداق ئۇقتۇرۇش چىقاردى: قار ياغقانلىقتىن، بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونى يوللىرىدا مۇز تۇتۇپ، بىخەتەر قاتناش شارائىتى ھازىرلانمىدى، ساياھەتچىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 12- ئاينىڭ 9- كۈنى سائەت 9 دىن باشلاپ مەنزىرە رايون يوللىرىدا قاتناشقا ۋاقىتلىق چەك قويۇلىدۇ، قاتناشنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى قار- مۇز تازىلاش ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ.
تەييارلىغۇچى: دىلرابا ئەنۋەر، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا