11- ئاينىڭ 29- كۈنى، دۆلەت يولى 218- لىنىيەسى يەنجى- باغراش تاشيولىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، باغراش كۆلىنى ئايلىنىدىغان مەنزىرە رايونى تاشيولىدا يېپىق ھالقىسىمان قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
دۆلەت يولى 218- لىنىيەسى يەنجى- باغراش تاشيولى تۈرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 18.19 كىلومېتىر بولۇپ، باغراش كۆلىنى ئايلىنىدىغان تاشيول بىلەن جىپىسلاشتۇرۇلۇپ، چوڭ بىر يېپىق ھالقا شەكىللەندۈرۈلۈپ، باغراش ناھىيەسىدىكى داخېكوۋ، ليەنخەي دۇنياسى، كۆنچى دەرياسى ساھىلى، ئاققوتان ئارىلى، قايدۇ دەرياسى مەنزىرە بەلبېغى، نەنسەن قۇملۇق باغچىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى تۇتاشتۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىشى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇلدى ۋە قولايلاشتۇرۇلدى. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، باغراش ناھىيەسىگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى تۇتاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، دۆلەت يولى 218- لىنىيەسى بويىدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى بىلەن باغراش كۆلى (مەنزىرە رايونى) نى تېز تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، «قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇش، تىيانشاننىڭ جەنۇبىدىكى ساياھەت يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق.
تەييارلىغۇچى: دىلرابا ئەنۋەر، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا