پىچان- كۈمۈش يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا ئىش باشلاندى

文摘   2024-12-19 21:05   新疆  

  ئۆلكە يولى 24- لىنىيەسى پىچان- كۈمۈش يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ 2027- يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

  12- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئۆلكە يولى 24- لىنىيەسى پىچان- كۈمۈش يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىش باشلاش مۇراسىمى پىچان ناھىيەسىنىڭ لەمجىن بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ 2027- يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

  ئۆلكە يولى 24- لىنىيەسى پىچان- كۈمۈش يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى تۇرپان تەۋەسىدە بولۇپ، پىچان ناھىيەسىنىڭ لەمجىن بازىرىدا باشلىنىپ، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ كۈمۈش بازىرىدا ئاخىرلىشىدۇ، قۇرۇلۇش مۇساپىسى 182 كىلومېتىر كېلىدۇ، پىلاندىكى قۇرۇلۇش مۇددىتى ئۈچ يىل، 2027- يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

  ئۆلكە يولى 24- لىنىيەسى پىچان- كۈمۈش يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى شىنجاڭدىن ئىچكى رايونلارغا تۇتىشىدىغان ھەم جەنۇبىي شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان ئاساسلىق غول تاشيول، ئۆلكە يولى 24- لىنىيەسى دۆلەت يولى 30- لىنىيەسى بىلەن دۆلەت يولى 3012- لىنىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى تۇتاشتۇرىدىغان بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ قاتناش تۈگۈنى مەركىزىنى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى ھېسابلىنىدۇ.

تەييارلىغۇچى: دىلرابا ئەنۋەر، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت

نازارەتچى:  ئەركىن رەخمىتۇللا

新疆1074交通文艺广播
新疆广播电视台1074交通文艺广播 TEL:0991-2500330 2500362
 最新文章