ھەپتە ئاخىرىدا تۇرپانغا بېرىپ ئويناپ كېلىڭ، ئوت يۇرتىدا قىشلىق ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى.
«ھەپتە ئاخىرىدا تۇرپانغا بارسىڭىز، خۇشاللىقىڭىز ھەسسىلەپ ئاشقۇسى» تېمىسىدىكى قىشلىق ساياھەتنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى ۋەندا مەيدانىدا قىزغىن ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ پائالىيەت تۇرپاننىڭ قىشلىق ساياھەت قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، قىشلىق ساياھەت ماركىسىنى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى تۇرپانغا ساياھەتكە كېلىشكە جەلپ قىلىشنى مەقسەد قىلغان. پائالىيەت نەق مەيدانىدا تۇرپاننىڭ قىشلىق ساياھەت تەشۋىقات فىلىمى قويۇلۇپ، شۇ جاينىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى نامايان قىلىندى، قىشلىق ساياھەت ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى بىلەن ساياھەت لىنىيەلىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.
بۇ يىللىق قىشلىق ساياھەتكە قارىتا، تۇرپان شەھىرى بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى: «ئوق پويىزغا ھەقسىز ئولتۇرۇپ تۇرپاننى ساياھەت قىلىش» بىر مىليون يۈەن ياردەم پۇلىنى چەكلىك ۋاقىتتا ئېلىش پائالىيىتى يولغا قويىلىدۇ؛ تۇرپان شەھىرىدىكى 100 مېھمانساراي، ئائىلىۋى مېھمانخانا، يېمەك- ئىچمەك كارخانىلىرى ئېتىبار بېرىش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ؛ يەككە تېرمىنال سۇپىسىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى 500 مىڭدىن ئاشىدىغان ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىلىرى مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى، مەنزىرە رايون سەيلە ئاپتوموبىلى بېلىتى، ساياھەت قىلغاچ سۈرەتكە چۈشۈش ھەققىنى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى يەنە ساياھەتچىلەرگە پاراۋانلىق ئېلىپ كەلدى، 11- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن باشلاپ، 1 مىليون يۈەنگە يېقىن مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقىتىلدى، بەلگىلەنگەن مەنزىرە رايونى ياكى سودا ئورۇنلىرىدىكى ئىستىمال سوممىسى 200 يۈەنگە يەتسە، 103 يۈەن كېمەيتىلىدۇ. بۇ قېتىمقى تولۇقلىما بېرىش پائالىيىتى شۇ جايدىكى 17 مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نوقتىسى ھەمدە 30 دىن ئارتۇق مېھمانساراي، 30 دىن ئارتۇق ئاشخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پائالىيەت 2025- يىلى 3- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر «شىنجاڭنى بىر كود ئارقىلىق ساياھەت قىلىش» ئۈندىدار ئەپچىسىگە كىرىپ مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمال بېلىتىنى ئالسا بولىدۇ.
تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا