تۇمانلىق كۈنلەردە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە تۆۋەندىكى ئىشلارغا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك.
1. ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك.
تۇمانلىق كۈنلەردە كۆرۈش دائىرىسى بىرقەدەر تۆۋەن بولغاچقا، ئالدىدا كېتىۋاتقان پىيادىلەر ۋە ئاپتوموبىللارنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايدۇ، تۆۋەن سۈرئەتتە يول يۈرگەندە، تۇيۇقسىز ئەھۋال كۆرۈلسە ئاپتوموبىلنى دەرھال تورمۇزلاپ توختاتقىلى بولىدۇ. كۆرۈش دائىرىسى 10 مېتىر ئىچىدە بولغاندا، يول بويىدىكى بىخەتەر رايوندا ئاپتوموبىلنى توختىتىش ھەمدە چوڭ چىراغ، تۇمان چىرىغى ۋە قوش ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغىنى ياندۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
2. جىددىي تورمۇز تۇتماسلىق كېرەك.
تۇمانلىق كۈنلەردە يول بىر قەدەر تېيىلغاق بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا تورمۇزنى قاتتىق دەسسىمەسلىك كېرەك، تورمۇزنى قاتتىق دەسسىسە: بىرىنچىدىن، ئاپتوموبىل ئاسانلا «قېيىپ كېتىدۇ»، ئىككىنچىدىن، تۇمانلىق كۈنلەردە كۆرۈش دائىرىسى تۆۋەن بولىدۇ، قاتتىق تورمۇزلىغاندا، كەينىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن سوڭدىشىش ھادىسسى كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر تورمۇزلاشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن پۇتنى ماي تەپكىسىدىن ئاستا بوشىتىپ، ئاندىن ئۇدا بىر نەچچە قېتىم يېنىك تورمۇزلاپ، ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى كونترول قىلىش، سوڭدىشىش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
3. رولنى جىددىي بۇراشقا بولمايدۇ.
تۇمانلىق كۈنلەردە يول بىر قەدەر تېيىلغاق، ئاپتوموبىل يول يۈرگەندە كونترول قىلىشتىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ئېشىپ كېتىدۇ، رولنى كۈچەپ بۇراپ ئەگىلگەندە، ئاپتوموبىل ئاسانلا يانغا تېيىلىپ كېتىدۇ. ئەگەر بۇرۇلۇشقا توغرا كەلسە، ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، ئاستا بۇرۇلۇپ، ئەگىمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن نورمال ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇرۇلغاندا قارشى تەرەپتىكى ئەگىمنىڭ ئەھۋالىنى كۆرەلمىگەندە، سىگنال بېرىپ قارشى تەرەپتىن كەلگەن ئاپتوموبىل شوپۇرىنىڭ دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىش كېرەك.
4. بىخەتەر ئاپتوموبىل ئارىلىقىنى ساقلاش كېرەك.
تۇمانلىق كۈنلەردە كۆرۈش دائىرىسى قىسقا بولىدۇ، ئەگەر ئاپتوموبىللار ئارىسىدىكى ئارىلىق بەك يېقىن بولۇپ كەتسە، ئالدىدىكى ئاپتوموبىلدا تۇيۇقسىز كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرگەندە، كەينىدىكى ئاپتوموبىل ئىگىسى ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەي سوڭدىشىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ.
تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا