بۇ ھەپتىدە روشەن سوغۇق ھاۋا رايى كۆرۈلمەيدىكەن، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن، يېقىنقى ئۈچ كۈندە، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن جايلاردا ئارىلاپ تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن ياكى ھاۋا تۇتۇلۇپ قار ياغىدىكەن.
مۆلچەرلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغىچە، ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن سەيۋوپۇغىچە، شىسەندىن باگاڭغىچە (1- ئاۋغۇسىت پولات- تۆمۈر شىركىتى) بولغان جايلىرىدا بەش بال ئەتراپىدا شەرقىي جەنۇب شامىلى، يەتتە بالدىن سەككىز بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران، ئۇلانبايدىن خۇڭيەنچىگىچە بولغان جايلاردا 9 بال ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن.
بۇ ھەپتە ئىچىدىكى باشقا ۋاقىتتا ھەر قايسى رايونلاردا ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن، شەھەر رايونى، مىچۈەن- دوڭسەن رايونىدا بەزىدە تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن، شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 6 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 1 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 11 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 6 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن. كېلەر ھەپتە سوغۇق ھاۋا يەنە داۋاملىشىدىكەن، كۆپچىلىكنى سوغۇقتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتىمىز.
تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا