ئۈرۈمچى 2024-، 2025- يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك قار- مۇز بۇتخانا سەيلىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.
ئۈرۈمچى 2024-، 2025- يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك قار -مۇز بۇتخانا سەيلىسى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت باغچىسىدا سىناق تەرىقىسىدە باشلىنىپ، 12- ئاينىڭ 31- كۈنى رەسمىي باشلىنىدۇ، پائالىيەت كېيىنكى يىلى 3- ئايغىچە داۋاملىشىدۇ.
ساياھەتچىلەرگە مەنزىرە كۆرۈش، كۆڭۈل ئېچىش- ئارام ئېلىش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنۋېرسال قار- مۇز ساياھىتى تەسىراتى نامايەن قىلىنىدۇ.
مۆلچەرلىنىشىچە، باغچىغا جەمئىي 170 گۇرۇپپا قار- مۇز ئويما- ھەيكىلى ئورۇنلاشتۇرىلىدىغان بولۇپ، يەنە قار- مۇز تېيىلىش، قارلىق دالا موتوسىكلىتى، قارلىق دالا تانكىسى، ئات سۆرەيدىغان چانا، شياڭجياۋ كېمە، « ئەپەندى» قار شەھىرى شادلىق باغچىسى ۋە يېمەك- ئىچمەك كىچىك ئۆيى قاتارلىق كۆپ خىل قار- مۇز كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى ۋە يۈرۈشلۈك تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: دىلرابا ئەنۋەر، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا