ھاۋا  رايىدىن ئالدىن مەلۇمات

文摘   2024-12-07 23:06   新疆  

  12- ئاينىڭ 7- كۈنى كېچىدىن 8- كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سۇس ياكى ئازراق قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ غەربى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرا ھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن. تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن جايلاردا ئارىلاپ تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن ياكى قار ياغىدىكەن.

  12- ئاينىڭ 7- كۈنى كەچتە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى كونا شامال ئېغىزى ۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى نوقاي شامال رايونى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا سەككىز بال ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى بوران، قىسمەن جايلاردا شىۋىرغان چىقىدىكەن. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە زور بولمايدىكەن.

  12- ئاينىڭ 8- كۈنى كېچىدىن 9- كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن جايلار ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ قارغا ئۆزگىرىدىكەن ياكى قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن جايلار ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرا ھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن؛ يۇقىرىقى كۆپ قىسىم جايلار ۋە شەرقىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 5 ~ 6 بال غەربىي شىمال شامىلى، شامال ئېغىزلىرىدا 9 ~ 10 بال بوران چىقىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا 5 سېلسىيە گرادۇستىن 8 سېلسىيە گرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە زور بولمايدىكەن.

تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت

نازارەتچى:  ئەركىن رەخمىتۇللا

新疆1074交通文艺广播
新疆广播电视台1074交通文艺广播 TEL:0991-2500330 2500362
 最新文章