12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە شىنجاڭدا نوپۇس كەسپىنى بېجىرىش ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ.
گوڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكا يىللىق مەلۇمات خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭ گوڭئەن ئورگانلىرى 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 0 دىن 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 24 كىچە نوپۇس كەسپىنى بېجىرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ (بۇ ئۈندىدارنىڭ «شىنجاڭ گوڭئەن ئۈندىدار ساقچى ئىشلىرى» ئەپچىسىدىكى نوپۇس كەسپىنى بېجىرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
يېقىندا نوپۇس كەسپىنى بېجىرمەكچى بولغانلار، ئالدىن نوپۇس كەسپىنى بېجىرىش زالىغا بېرىپ مەسلىھەت سوراپ بېجىرىسە ياكى ئۈندىداردىكى «شىنجاڭ گوڭئەن ئۈندىدار ساقچى ئىشلىرى» ئەپچىسى ئارقىلىق ئىلتىماس سۇنۇپ، بېجىرىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقتىن ساقلانسا بولىدۇ.
تەييارلىغۇچى: دىلرابا ئەنۋەر، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا