گوڭئەن قاتناش باشقۇرۇش، ئاپتوموبىل- پراۋا باشقۇرۇشقا دائىر كەسىپلەردە ھەق تاپشۇرۇش كەسپى ۋە قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش جەرىمانىسى تاپشۇرۇش كەسپىنى ۋاقتىنچە توختىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش:
ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ باجدىن باشقا كىرىم يىغىش سىستېمىلىرىدا يىل ئاخىرىدا ھېسابات ئېنىقلايدىغان بولغاچقا، 12- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 22 دىن باشلاپ، ئالاقە تورىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش سۇپىسى، «قاتناش باشقۇرۇش 12123» ئەپچىسىدىكى ئۈندىدار، جىفۇباۋ، بانكا بىرلەشمىسىدىكى ھەق تاپشۇرۇش يوللىرىدا مۇلازىمەت ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرى، بانكا پوكەيلىرى ۋە ئالاقە تورىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش سۇپىسى، «قاتناش باشقۇرۇش 12123» ئەپچىسى قاتارلىق بارلىق تور ۋە تور سىرتىدىكى يوللاردا 12- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 22 دىن 12- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 24 كىچە، گوڭئەن قاتناش باشقۇرۇش، ئاپتوموبىل- پراۋا باشقۇرۇشقا دائىر كەسىپلەردە ھەق تاپشۇرۇش كەسپى ۋە قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش جەرىمانىسى تاپشۇرۇش كەسپى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى بېجىرىشكە ئېھتىياجى بار كىشىلەرنىڭ 12- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن بۇرۇن بېجىرىپ بولۇشىنى ئەسكەرتىمىز.
تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا