بايىنبۇلاق مەملىكەت بويىچە ئەڭ سوغۇق جاي بولۇپ قالدى

文摘   2024-12-14 21:42   新疆  

  بايىنبۇلاقتا قىش كىرگەندىن بۇيانقى مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرا كۆرۈلۈپ، تۆۋەن تېمپۇراتورا نۆلدىن تۆۋەن 40.8 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشتى.

  سوغۇق ھاۋانىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپىراتۇرا ئارقا- ئارقىدىن تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بايىنبۇلاقتا تېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 40.8 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، قىش كىرگەندىن كېيىنكى دۆلىتىمىزدىكى تېمپىراتۇرا تۇنجى بولۇپ نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەن دۆلەت مېتېئورولوگىيە پونكىتى بولۇپ قالدى ھەمدە بۇ مەزگىلدىكى مەملىكەت بويىچە تۆۋەن تېمپېراتۇرا (رايونى) رەت تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتۈپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان ئىچكى موڭغۇلنىڭ تۇلىخېدىن 5.4 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەن بولدى.

  بايىنبۇلاق مېتىئورولوگىيە پونكىتى خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بايىنبۇلاق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئېگىز تاغ يايلىقى ۋە تۆۋەن تېمپىراتۇرا مۇھىتىدىكى يايلاق. بۇ يايلاق ئېگىز تاغدىكى ئويمانلىققا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2500 مېتىردىن ئاشىدىغان بولغاچقا، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى بۇ  يايلاققا كىرسە چىقىپ كېتەلمەيدۇ، شۇڭا بايىنبۇلاقتا تۆۋەن تېمپىراتۇرىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ. ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بايىنبۇلاقتا قىش پەسلىدىكى تېمپېراتۇرا خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ موخې شەھىرىنىڭ تېمپۇراتورىسىغا ناھايىتى يېقىن بولۇپ، 2011- يىلى 1- ئايدا نۆلدىن تۆۋەن 49.6 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرا كۆرۈلگەن.

  ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇش دەرىجىسىنى توغرا ئىپادىلەش ئۈچۈن، مېترولوگىيە كەسپىدە «سوغۇق بولۇش دەرىجىسى جەدۋىلى» تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، تېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن  40 سېلسىيە گىرادۇس ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەندىن 9.9 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولۇپ، تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ جەمئىي سەككىز دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆۋەن تېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولسا، «قاتتىق سوغۇق» ھاۋا رايى دەپ ئاتىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت

نازارەتچى:  ئەركىن رەخمىتۇللا


新疆1074交通文艺广播
新疆广播电视台1074交通文艺广播 TEL:0991-2500330 2500362
 最新文章