ئىلى دەرياسى مەنزىرە رايونىنىڭ 1- كۆۋرۈكتىن 3- كۆۋرۈككىچە بولغان يولدا 12- ئاينىڭ 9- كۈنى رەسمىي قاتناش باشلاندى، شەھەر ئاھالىلىرى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئىلى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلسا بولىدىكەن. ئىلى دەرياسى مەنزىرە رايونىنىڭ پىلانلانغان يەر كۆلىمى 40.75 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يادرولۇق پىلانلانغان تەرەققىيات رايونى- ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى 1- كۆۋرۈكتىن 2- كۆۋرۈككىچە بولغان كۆلىمى تەخمىنەن ئۈچ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 1- كۆۋرۈكتىن 3- كۆۋرۈككىچە بولغان ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 18.4 كىلومېتىر. نۆۋەتتە، 12- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن باشلاپ، 1- كۆۋرۈكتىن فاڭساۋخۇغىچە بولغان رايوندا ئالدى بىلەن قاتناش باشلاندى، قاتناش باشلىنىدىغان لىنىيەدە 400 دىن ئارتۇق توختالغۇ ئورنى تەييارلاندى، بۇ يولغا قاتناش كۆرسەتكۈچ بەلگە تاختىلىرى ئورنىتىلىپ، يول بەلگە سىزىقلىرى سىزىلىپ بولدى.
تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا