ئاق قار مەۋسۇمى كىردى

文摘   2024-12-06 23:57   新疆  

   «شىمال شامىلى غۇيۇلداپ چىقتى بىر كېچە، لەپىلدەپ ياغدى توختىماي قار تاڭ سەھەرگىچە» 12-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 23 تىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە، قىشتىكى ئۈچىنچى مەۋسۇم __ ئاق قار مەۋسۇمى كىردى. ئاق قار مەۋسۇمىدە ھاۋا يەنىمۇ سوۋۇشقا باشلايدۇ، قار تېخىمۇ كۆپ يېغىپ، يەر يۈزىدە يىغىندى قار شەكىللىنىدۇ. ھاۋا بەك سوغۇق بولغاچقا، ئۇچار چاشقان ئۈنلەشتىن توختايدۇ، كەترەن قاتتىق سوغۇققا قارىماي، يېڭى بىخ چىقىرىدۇ. خاسىيەتلىك قېلىن قار مول ھوسۇلدىن، قار تېيىلىش، مۇز تېيىلىش، قار بوۋاي ياساشنىڭ خۇشاللىقىدىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولغاندىكى ئىللىقلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.

   

    ئاق قار مەۋسۇمىدە، زېمىن قار -مۇز بىلەن قاپلىنىپ، لەپىلدەپ قار ياغىدۇ، بۇ مەزگىلدە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قېلىنراق كىيىنىپلا قالماي، ئىسسىق يېمەك- ئىچمەكنى ئاساس قىلىڭ. سىرتقا چىققاندا باش كىيىم، شارپا، پەلەي كىيىۋېلىڭ، تېيىلىشتىن ساقلىنىش ئايىغى كىيىپ پۇختا قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلەڭ. بىزدە:«قىشتا قۇۋۋەت تولۇقلىسا، كېلەر يىلى بەدەن كۈچكە تولىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، كالا گۆشى، قوي گۆشى سوغۇققا تاقابىل تۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ، يېڭى كۆكتات، مېۋىلەر ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ. قەھرىتان سوغۇقتىمۇ تۇرمۇشىڭىز قاينام- تاشقىنلىققا چۆمسۇن.

تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت

نازارەتچى:  ئەركىن رەخمىتۇللا


新疆1074交通文艺广播
新疆广播电视台1074交通文艺广播 TEL:0991-2500330 2500362
 最新文章