ئۈرۈمچى شەھىرى كېلەر يىلى ئۈچ مىڭ توختالغۇ كۆپەيتىدۇ

文摘   2024-12-20 22:35   新疆  

  ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى كېلەر يىلى ئۈچ مىڭ توختالغۇ كۆپەيتىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرى 2025- يىلى يەنە ئۈچ مىڭ توختالغۇ كۆپەيتىشنى پىلانلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركىزىي شەھەر رايونى، سودا چەمبىرىكى، دوختۇرخانا ئەتراپىدا، بۇ جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تەكشىلىكتىكى ئاممىۋى توختالغۇدىن 2000 نى يېڭىدىن تەسىس قىلىدۇ؛ كونا ئولتۇراق رايونلار ئەتراپىدىن ئاپتوموبىل توختىتىش بايلىقىنى ئىزدەپ، «چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئاپتوموبىلنى ھەقسىز توختىتىدىغان» خەلققە قولاي توختالغۇدىن 1000نى كۆپەيتىدۇ.

  بۇ يىل 10- ئاينىڭ بېشىغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى 32 توختالغۇ مەيدانىدا 3740 توختالغۇ تەسىس قىلدى، يەنە 13 ئىككىلەمچى غول يولنى تاللاپ، كەچتە چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئاپتوموبىلنى ھەقسىز توختىتىدىغان خەلققە قولاي توختالغۇدىن 1240نى تەسىس قىلدى.

 

تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت

نازارەتچى:  ئەركىن رەخمىتۇللا


新疆1074交通文艺广播
新疆广播电视台1074交通文艺广播 TEL:0991-2500330 2500362
 最新文章