12- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچىدىكى قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە قاتناشقا ۋاقىتلىق چەك قويۇلىدۇ.
2024- يىللىق ئۈرۈمچى يېرىم مۇساپىلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى 12- ئاينىڭ 22- كۈنى رەسمىي باشلىنىدۇ، مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىدىغان ئورۇن شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، يېرىم مۇساپىلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى تۈرى (21.0975 كىلومېتىر)، شادلىق يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى تۈرى (تەخمىنەن 5 كىلومېتىر) كېلىدۇ. 2024- يىللىق ئۈرۈمچى يېرىم مۇساپىلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدىغان مەزگىلدە، مۇسابىقىگە چېتىلىدىغان يوللار 12- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن باشلاپ، ئاۋۋال نەق مەيدان، ئاندىن ئەتراپتىكى قاتناشقا چەك قويۇش پىرىنسىپى بويىچە، تەدرىجىي ھالدا قاتناشقا ۋاقىتلىق چەك قويۇلىدۇ. نەنجياڭ يولى، ناھىيە يولى 031- لىنىيەسى، يېزا يولى 010- لىنىيەسى (دېڭساۋگۇ يولى)، نەنخې يولى، كەنت يولى 255- لىنىيەسى، نەنسى يولى، نەنشى جەنۇبىي يولى، نەنشى شىمالىي يولى، نەنخې يولى، شۈيچى يولى، نەنچۈەن يولى، نەنتەن يولى، نەنسەن ساياھەت جەنۇبىي يولى قاتارلىق يوللار قاتناشقا ۋاقىتلىق چەك قويۇشقا چېتىلىدۇ. ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى ئەتراپتىكى يوللارنىڭ قاتناش تەرتىپىنى قوغداش، قاتناشنى يېتەكلەش- راۋانلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ، قاتناش ساقچىلىرى مۇسابىقە لىنىيەسى بويىدىكى ھەرقايسى كېسىشمە يول ئېغىزلىرىدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىل ۋە پىيادىلەرنى قاتناش ساقچىلىرى بىلەن خىزمەتچى خادىملارنىڭ قوماندانلىقىغا بوي سۇنۇشقا ئەسكەرتتى.
تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا