11- ئاينىڭ 30- كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، ئىلى دەريا ۋادىسى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى- شىمالىي قىسمىدىكى قىسمەن جايلاردا سۇس ياكى ئازراق قار، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇرا ھال قار ياغىدىكەن؛ يۇقىرىقى بىر قىسىم جايلاردا 5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى، شامال ئېغىزلىرىدا 8~ 9 بال بوران چىقىدىكەن. تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن جايلاردا ئارىلاپ تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ قار ياغىدىكەن، شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە زور بولمايدىكەن.
12- ئاينىڭ 1- كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سۇس ياكى ئازراق قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەريا ۋادىسى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ غەربى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرا ھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن؛ يۇقىرىقى بىر قىسىم جايلاردا 4 ~ 5 بال غەربىي شىمال شامىلى، شامال ئېغىزلىرىدا 8 ~ 9 بال بوران چىقىدىكەن. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە زور بولمايدىكەن .
تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا