ئۈرۈمچىدىكى قايسى جاي ئەڭ سوغۇق؟

文摘   2024-12-14 21:42   新疆  

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا ئۇدا تۆۋەنلەپ، سوغۇق بارغانسېرى كۈچىيىپ، سىرتقا چىققاندا پۇت- قوللار مۇزلىدى. ئۈرۈمچىدىكى قايسى جاي ئەڭ سوغۇق، بۇنى بىلەمسىز؟ نەنسەندىكى ئېگىز تاغ بەلۋېغىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 28.1 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇسقا يېقىنلىشىپ قالدى.

  بۇ قېتىمقى تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەشتە، 12- ئاينىڭ 11- كۈنى كېچىدە ئۈرۈمچىدىكى تىيانشان رايونىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 15.2 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، بۇ رايوندا بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق بىر كۈن بولدى. ئوخشاش ۋاقىت بۆلىكىدە، نەنسەندىكى ئېگىز تاغ بەلبېغىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 28.1 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشتى.

  مۆلچەرلىنىشىچە، يېقىنقى ئىككى كۈندە ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن، شەھەر رايونى، مىچۈەن- دوڭسەن رايونى، گەنچۈەنپۇدا ئارىلاپ تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىپ، تېمپېراتۇرا يەنىلا تۆۋەن ھالەتنى ساقلايدىكەن، ئاساسلىق شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 13 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 6 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 17 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 12 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن.

  مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنى بوران چىققان مەزگىلدە بوراندىن، ئوتتىن، بوشلۇقتىن نەرسە- كېرەكلەر چۈشۈشتىن مۇداپىئەلىنىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى، يەنە قىسمەن جايلاردا كۆرۈلىدىغان شىۋىرغانلىق ھاۋارايىنىڭ قاتناش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىرىدىن مۇداپىئەلىنىپ، ئالاقىدار مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

 

تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت

نازارەتچى:  ئەركىن رەخمىتۇللا

新疆1074交通文艺广播
新疆广播电视台1074交通文艺广播 TEL:0991-2500330 2500362
 最新文章