قىشتا ئىسسىنىشتا، كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ
جۇدۇنلۇق ھاۋارايى كۆرۈلگەندىن كىيىن، ئاھالىلەرنىڭ مەش، يېقىلغۇ گاز قاتارلىق ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش قېتىم سانى كۆپەيدى، ئەگەر ئۆي ھىم ئېتىلىپ، ھاۋا ئۆتۈشۈشى راۋان بولمىسا، ئاسانلا كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كاربون چالا ئوكسىدى رەڭسىز، پۇراقسىز، غىدىقلىمايدىغان زەھەرلىك گاز بولۇپ، ئۇنىڭ «شەكىلسىز قاتىل» دېگەن نامى بار، تۇرمۇشتا كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلەنگەنلىكىنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟ ئەگەر كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە قانداق قىلىش كېرەك؟ تۆۋەندە بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى.
كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىشنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟
كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالامەتلىرى زەھەرلىنىش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ.
1. يېنىك دەرىجىدە زەھەرلەنگەندە، باش ئاغرىش، باش قېيىش، يۈرەك سېلىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ چاغدا دېرىزىنى ۋاقتىدا ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنگەندە، كېسەللىك ئالامەتلىرى ناھايىتى تېزلا يېنىكلەپ يوقايدۇ.
2. ئوتتۇراھال دەرىجىدە زەھەرلەنگەندە، كۆپ تەرلەش، ئىچى تىتىلداش، نورمال ماڭالماسلىق، چىرايى تاتىرىپ كېتىش، ئەس- ھوشى جايىدا بولماسلىق، دائىم ئۇيقۇسىنى ئاچالمىغاندەك يۈرۈش، چارچاپ ماغدۇرسىزلىنىش ھەمدە ئاستا- ئاستا ھوشسىز ھالەتكە كىرىپ قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
3. ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلەنگەندە، ئەس- ھوشى جايىدا بولماسلىق، چىشى كىرىشىپ كېتىش، پۈتۈن بەدىنى تارتىشىش، چوڭ- كىچىك تەرىتىنى تۇتالماسلىق، چىرايى، كالپۇكى گىلاستەك قىزىرىپ كېتىش، نەپىسى ۋە تومۇر سوقۇشى تېزلىشىش، قان بېسىمى ئۆرلەش، يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىزلىشىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئالاھىدە ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلەنگەندە، ئۇدا ئېغىر ھوشسىزلىنىش، تومۇر سوقۇشى ئاجىزلاش، نەپەس ئېلىشى تەرتىپسىزلىشىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن باشقا، يۇقىرى قىزىتما كۆرۈلۈپ 40 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىشى مۇمكىن، بۇ چاغدا زەھەرلەنگۈچىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان بولۇپ، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قۇتقۇزۇۋېلىنغان تەقدىردىمۇ، ئېغىر كېسەللىك ئاسارىتى قالىدۇ.
كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلەنسە قانداق قىلىش كېرەك؟
1. دەرھال ئىشىك- دېرىزىلەرنى ئېچىپ يېقىلغۇ گاز ئوچىقى، سۇ ئىسسىتقۇچنىڭ كلاپانى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى تېزدىن ئېتىۋېتىپ، چاقماق قاتارلىق ئاسان ئوت پەيدا قىلىدىغان بۇيۇملارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، بىمارنى دەرھال زەھەرلەنگەن نەق مەيداندىن ئېلىپ چىقىپ، ھاۋاسى ساپ، شامال ئۆتۈشۈشى ياخشى جايغا يۆتكەش كېرەك.
2. زەھەرلەنگۈچىنىڭ ياقا تۈگمىسىنى يېشىپ، نەپەس يولىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش؛ شۇنداقلا بىمارنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىپ، ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
3. بىمارنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتىنىڭ خوراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تىنچ ئارام ئالدۇرۇش، شارائىت يار بەرسە بىمارغا تېزدىن ئوكسىگېن سۈمۈرگۈزۈش كېرەك.
4. ئوتتۇراھال، ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلەنگەن بىمارنى نەق مەيداندا جىددىي قۇتقۇزۇش بىلەن بىرگە، دەرھال 120 جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.
تەييارلىغۇچى: دىلرابا ئەنۋەر، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا