12- ئاينىڭ 2- كۈنى كېچىدىن 3- كۈنى كۈندۈزگىچە، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرى ۋە بورتالا ئوبلاستىنىڭ غەربى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سۇس ياكى ئازراق قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايونلار، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن. يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا 4 ~ 5 بال غەربىي شىمال شامىلى، شامال ئېغىزلىرىدا 8 ~ 9 بال بوران چىقىپ، تېمپېراتۇرا داۋاملىق ئازراق تۆۋەنلەيدىكەن. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە زور بولمايدىكەن,.
12- ئاينىڭ 3- كۈنى كېچىدىن 4- كۈنى كۈندۈزگىچە، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سۇس ياكى ئازراق قار، قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال قار ياغىدىكەن؛ شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 7~ 8 بال بوران، 9 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە زور بولمايدىكەن.
تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا