12- ئاينىڭ 19- كۈنى كېچىدىن 20- كۈنى كۈندۈزگىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن داۋانچىڭغىچە بولغان جايلىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 6 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق بورىنى چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ كونا شامال ئېغىزى ۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ نوقاي شامال رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇلانباي ۋە خۇڭيەنچى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا 9~ 10 بال بوران، 11 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىپ، قىسمەن جايلاردا قار ئۇچقۇندايدىكەن. شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن جايلاردا ئارىلاپ تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن ياكى قار ياغىدىكەن. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە زور بولمايدىكەن.
12- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قىسمەن جايلار، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن سەيۋوپۇغىچە، شىسەندىن 1- ئاۋغۇست پولات- تۆمۈر زاۋۇتى تەۋەلىك رايونىغىچە بولغان جايلاردا ئارىلاپ 5 ~ 6 بال شەرقىي جەنۇب شامىلى، 7 ~ 8 بال ئۆتكۈنچى بوران، ئۇلانبايدىن خۇڭيەنچىگىچە بولغان جايلاردا 9 بال ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن.
12- ئاينىڭ 22- كۈنى كېچىدىن 23- كۈنى كۈندۈزگىچە (يەنى مۇشۇ ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىن كېلەر دۈشەنبە كۈنىگىچە)، ئۈرۈمچىدە يەنە ئازراق قار يېغىپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 13 سېلسىيە گىرادۇس بولىدىكەن.
يېقىندىن بۇيان كۆپ قېتىم قار ياغقاچقا، ئۈرۈمچىدە تېمپىراتۇرا داۋاملىق تۆۋەنلىدى، شۇڭا كۆپچىلىكنى سىرتقا چىققاندا ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتىمىز.
تەييارلىغۇچى: دىلرابا ئەنۋەر، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا