ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سەنداۋان يولىدىكى قاتناش ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدىكى سەنداۋان يولى تەۋەلىك رايونى يول تورىنىڭ قاتناش ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يولدىكى قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن باشلاپ، سەنداۋان يولىدىكى قاتناش ئۇسۇلى تەڭشىلىدۇ.
سەنداۋان يولى--- خىزمەت كۈنلىرى سائەت 8 يېرىمدىن 10 غىچە، شىمالدىن جەنۇبقا بولغان يۆنىلىشتە ۋاقىتقا چەك قويۇلىدىغان تاق يۆنىلىشلىك يول قىلىپ تەسىس قىلىنىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ قاتنىشى مەنئىي قىلىنىدۇ، قالغان ۋاقىت بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشتە قاتناش ئۇسۇلى ساقلاپ قېلىنىدۇ.
12- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 8- كۈنىگىچە تەشۋىقات- تەربىيە مەزگىلى، 12- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن باشلاپ، بۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنىغا خىلاپ بولغان يول قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالايدۇ، كۆپچىلىكنى سەپەرگە چىقىش پىلانىنى ياخشى تۈزۈشكە ئەسكەرتىمىز.
تەييارلىغۇچى: دىلرابا ئەنۋەر، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا