يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى غەربىي باجياخۇ بىلەن سەيماچاڭدىكى ئىككى ئاممىۋى قاتناش توك قاچىلاش پونكىتىنى جەمئىيەتكە ئېچىۋەتتى.
توك قاچىلاش جەريانىدا ئاپتوموبىل ئىگىسى يان تېلېفون ئەپچىسى ياكى توكلىغۇچنى كۆرسىتىش ئېكرانى ئارقىلىق توك قاچىلاش سۈرئىتى، توك ھەققى سەرپىياتى قاتارلىق ھالقىلىق ئۇچۇرلارنى ھەر ۋاقىت كۆرەلەيدۇ. پونكىتتا يەنە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان توكلىغۇچ ئورنى بەلگىسى ئالاھىدە تەسىس قىلىندى ھەمدە ئېنىق مەشغۇلات كۆرسەتمىسى ۋە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار يېزىلغان بەلگە تاختىسى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنىپ، ھەر بىر ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ بىخەتەر، ئۆلچەملىك مۇھىتتا توك قاچىلاش مەشغۇلاتىنى تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر ئىككى ئاممىۋى قاتناش توك قاچىلاش پونكىتىدىكى 87 توكلىغۇچنىڭ ھەممىسى تولۇق ئېچىۋېتىلدى، توكلىغۇچ ھەر كۈنى سائەت 10 دىن 21 دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە ئېچىۋېتىلىپ، ئاپتوموبىل ئىگىلىرىگە توك قاچىلاش مۇلازىمىتى قىلىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، ئاممىۋى قاتناش شىركىتى داۋاملىق مۇۋاپىق ئاممىۋى قاتناش مەيدان بېكەتلىرىدە ئاممىۋى قاتناش توك قاچىلاش پونكىتى «ھەمبەھرە» مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تەييارلىغۇچى: زۇمرەت مۇتەللىپ، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا