قىش پەسلى--- نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ قوزغىلىدىغان پەسىل. تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، تارقىلىشچان زۇكام، ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى بىلەن يۇقۇملىنىش قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئېشىش خەۋپى تەدرىجىي كۆپەيدى. ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىس ئاممىغا شەخسىي مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئەسكەرتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى جىددىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش ئورنىنىڭ مۇدىرى، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مۇدىر ۋىراچ فۇرقەت ھوشۇر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىر دەل تارقىلىشچان زۇكام كۆپ قوزغىلىدىغان پەسىل، مەكتەپ، يەسلى ئاپپاراتلىرى ۋە ياشانغانلار ساناتورىيەسى قاتارلىق كىشىلەر توپلاشقان سورۇنلاردا يۇقۇملىنىش خەۋپى بىرقەدەر يۇقىرى، نۆۋەتتە، A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ئىچىدىكى H3N2،H1N1 ئىككىنچى تىپى ۋە B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكامنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋىرۇس بولۇپ قالدى. تارقىلىشچان زۇكام ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئۆيدە ئارام ئېلىپ، سالامەتلىكىنى كۆزىتىش، كېسەل ھالەتتە ئىشقا، دەرسكە بارماسلىق كېرەك».
فۇرقەت ھوشۇر ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسىمۇ--- نەپەس يولى سىستېمىسى يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك قوزغاتقۇچىلىرىنىڭ بىرى. مۆلچەرلىشىمىزچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش خەۋپى سىجىل ئېشىشى مۈمكىن. بالىلارنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ چۈشمىسە، ئۈچ كۈندىن ئارتۇق داۋاملىشىپمۇ پەسەيمىسە؛ كۆپ يۆتىلىپ، ھەتتا تاماق يېيىش ۋە ئۇخلاشقا تەسىر كۆرسەتسە؛ ھاسىراش، كالپۇك كۆكىرىش، نەپەس قىيىنلىشىش ئەھۋالى بولسا؛ چوڭراق بالىلاردا كۆكرىكى ئاغرىش، ھاسىراش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، تېزدىن دوختۇرغا ئاپىرىپ كۆرۈنۈش تەكلىپى بېرىمىز. نۆۋەتتە ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسىغا قارىتا ۋاكسىنا تېخى بازارغا سېلىنمىدى. ماكرولىد (ئاچىمېيسۇ) قاتارلىق باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنى ئالدىن تاللاشقا بولىدۇ».
فۇرقەت ھوشۇر ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى باسقۇچتىكى تارقىلىشچان زۇكام، مىكوپلازمىلىق ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق جىددىي نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى ئىچىدە، 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار--- كېسەللىك مەركەزلىك قوزغىلىدىغان ياش گۇرۇپپىسىغا تەۋە، بەش ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلاردىن قالسىلا، ئۇلارغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىش كېرەك. نەپەس قىيىنلىشىش، كۆكرەك سىجىل ئاغرىش، روھىي ھالەتنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى سۇسىزلىنىش ئالامەتلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، بۇلار كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى ياكى گۇمانىي كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاشقان ئەھۋالغا يولۇققاندا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك».
تەييارلىغۇچى: دىلرابا ئەنۋەر، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا