گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 6-قىسىم _ئۇچرىشىش

文摘   小说   2024-08-20 13:59   新疆  


 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  24  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21









گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

6-قىسىم


 



6-قىسىم

ئۇچرىشىش


 دىلنارنىڭ ئىككى پۇتى تېخى تولۇق ئەسلىگە كەلمىدى،  مېڭىش يەنىلا سەل قولايسىز، دەسلەپتە رەنانىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپ، ھېچنېمىگە قارىماي بۇ ياققا قاراپ ئۇچقانىدى.

 ئۇمۇ بىلىدۇ، بۇنداق ئىشنى  يوشۇرغىلى بولمايدۇ.

كېيىن پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئاپىسىغا بۇ ئىشنى ئەينەن سۆزلەپ بەردى.

ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە، رەنانىڭ قىزىغا ئىچى ئاغرىدى، لېكىن قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

شۇنچە يىللىق تۇرمۇشىنى سورىغاندا، دىلنار ئاددىيلا كۈلۈپ قويدى. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنىڭ ھازىر قىزى دىلارە بار.

مۇھەببەت، ئائىلە، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەممىسى ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار.

لېكىن ئۇ سۆز-جۈملىلەرنى بىر-بىرىگە باغلاپ، ئەركىن-ئازادە سۆزلىگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇھىملىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئىپادىلىگەن كەيپىياتى رەناغا شۇنچە يىللاردىن بۇيان،  ئانچە ياخشى ئۆتمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويدى.

رەنادىكى ئۆزىنى ئەيىبلىشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.  ئەگەر  ئەينى چاغدا ئىزچىل ئۇنىڭ يېنىدا بولغان بولسا، ئۇ چوقۇم بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك بالا بولغان بولاتتى.

 دىلنارنىڭ قايتىپ كەلگەنلىك خەۋىرى ئەتىسى ھەممە يەرگە تارقالدى.

بۇ چاغدا ئايرۇس ئولتۇرالماي قالدى.

 لېكىن، ئۇ ئۆينى پۈتۈن ئۇرۇپ چېقىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۆيدىن بىر قەدەم ئېلىپ چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.

 رەشىدە ئۇنىڭ بۇ بىر نەچچە كۈندىكى قىلمىشىدىن قاتتىق غەزەپلەندى.

 ئاپىسى ئىلگىرى بۇنداق ئەمەس ئىدى!

زادى نېمە ئىش يۈز بەردى؟ !


ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ياتاق ئۆيدىكى نەرسە - كېرەكلەر ئاساسەن چېقىلىپ بولدى.

مانا ئەمدى مېھمانخانىمۇ پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. ئايرۇسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇقىم تېلېفوننى يەرگە تاشلاپ چاك-چېكىدىن پارچىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن رەشىدە ئاخىرى چىداپ تۇرالماي ئېتىلىپ بېرىپ، ئايرۇسنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ كۈچەپ سىلكىپ:

- زادى نېمە ئىش يۈز بەردى؟ ! سىزگە زادى نېمە بولدى؟ دىلنارنىڭ قايتىپ كېلىشى،  سىزنى ھازىرقىدەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويدىمۇ؟  ھازىر بار بولغان ھەممە نەرسىنى ئۇلارنىڭ تارتىۋېلىشىغا قاراپ تۇرامسىز؟ ! - دېدى.

 ئايرۇس كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ رەشىدەگە قارىدى.

روھىي ھالىتى چېچىلاڭغۇ، چاچلىرى پاخپايغان ھالىتى بىلەن تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئوسال كۆرۈنۈپ كەتتى.

-  تەن بەرمەيمەن، تەن بەرمەيمەن ... ئۇ نېمىشقا مۇشۇ ۋاقىتتا قايتىپ كېلىدۇ؟ نېمىشقا ئەمدى قايتىپ كېلىدۇ؟ ! - دېدى ئايرۇس.

-  ماڭا دەڭە، زادى نېمە ئىش يۈز بەردى؟ !  - دېدى رەشىدە چۈشەنمەي.

ئايرۇس ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى ئېتىۋېلىپ، ئاستا-ئاستا يەردە ئولتۇرۇپ قېلىپ:

- مېنىڭ خانقىزلىق سالاھىيىتىممۇ يوق بولدى، ھەتتا يولدىشىممۇ تاشلىۋەتتى،  ھېچنېمەم قالمىدى... - دېدى.

- دادام؟؟ - ئايرۇسنىڭ ئاغزىدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، رەشىدەمۇ سەل تېڭىرقاپ قالدى.

بىر ئازدىن كېيىن سەل تەنە قىلىپ:

- دادامنىڭ ھازىرقى خىيالى ھېلىقى تۈلكە جىندا، ھەتتا ئۆتكەن قېتىملىق كاتتا زىياپەتتەك بۇنداق مۇھىم سورۇندىمۇ ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن تۇرسا، سىزنىڭ خانقىزلىق سالاھىيىتىڭىزنى يوقىتىپ قويۇشىڭىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانچە مۇھىم ئىش ئەمەستۇ؟ بەلكىم مەلۇم بىر كۈنى بۇ دۇنيادا يوق بولسىڭىزمۇ،  مېنىڭچە ئۇ سىزنىڭ ئاخىرى مۇراسىمىڭىزغا قاتناشمايدۇ!  - دېدى.

ئايرۇسنىڭ ئازابى تېخىمۇ كۈچەيدى، ئۇنىڭ توي تۇرمۇشىنى مانا ئەمدى ھەتتا ئۆز قىزىمۇ مەسخىرە  قىلىۋاتىدۇ...

 شۇنداق! ئۇ كىتىپ قالغان تەقدىردىمۇ، يولدىشى نۇردۇننىڭ ئۇنىڭ ئاخىرى مۇراسىمىغا قاتنىشىشى مۇمكىن ئەمەس.

 ئۇلارنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى بۇرۇنلا ئىسمى بار، جىسمى يوق ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.

 ئىلگىرى   يۈز ئابرويىنى  دەپ رەنا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ سالا قىلغانلىقى ئۈچۈنلا،  ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى  ساقلىنىپ قالغان، سىرتتىكىلەرگە  بىر-بىرى بىلەن چىقىشىپ ئۆتكەندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بىر - بىرى بىلەن كارى يوق.

لېكىن ھازىر رەشىدە ئايرۇسنىڭ تۇرقىغا قاراپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

- سىز خانقىزلىق سالاھىيىتىڭىز يوق بولغانلىقى ئۈچۈن دادامنى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قايتىپ كېلىپ ئاجرىشىدۇ دەپ ئويلامسىز؟ - دېدى.

ئاجرىشىش دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ئايرۇسنىڭ بەدىنى تىترەپ كەتتى.

ئۈنسىز جاۋاب رەشىدەنى سوغۇق كۈلدۈرۈۋەتتى:

- ئەنسىرىگۈدەك نېمىسى بار؟ سىز دادامنىڭ قانداق ئادەملىكىنى تېخى بىلمەمسىز؟ ئۇ سىز بىلەن ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن بولسىمۇ،  يەنىلا سىز بىلەن ئاجراشمىدىغۇ؟

 ئۇ مومامنىڭ جىيەنى،   ئۇ سىرتتىكى ھېلىقى تۈلكە جىننى قانچىلىك ياخشى كۆرسىمۇ، شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئەڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىشى پەقەت ئۇنى ئوچۇق-ئاشكارا قايتۇرۇپ كېلىشنى ئېيتىشى بولدى. ئۇ يەنە بۇ ئائىلىنىڭ يۈزىنى ئويلىشىشى كېرەك، ئەگەر سىز بىلەن ئاجراشسا،  تاشقى دۇنيا ئۇنىڭ كەينىدە كاتتا ئائىلە بار دەپ قارامدۇ؟

 ئۇنىڭ سىز  بىلەن ئاجراشقۇسى بولسىمۇ، سىز ھازىر خانقىزلىق مەرتىۋىسىدىن مەھرۇم قالسىڭىزمۇ ئوخشاشلا  بۇنداق ۋاقىتتا ئاجرىشالمايدۇ. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلىپ، كاتتا ئائىلىنىڭ ئابرۇيىنى تۆكىدىغان ئىشنى  ئەزەلدىن قىلمايدۇ. - دېدى.

 سۆزىنى تۈگىتىپلا ئايرۇسقا قاراپ:

- ئويلاپ باقمىغانسىز؟  - دېدى.

لېكىن، ئايرۇس يەنىلا    ياشىغۇسى يوق ئادەمدەك   ئىككى قولى بىلەن بېشىنى چىڭ قاماللىدى.  رەشىدەنىڭ گەپلىرىدىن قىلچىلىك تەسىرلەنمىدى.

 رەشىدە چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ:

- سىزگە زادى نېمە بولدى؟ ! - دەپ سورىدى.

- پايدىسى يوق، پايدىسى يوق... - دېدى ئايرۇس زارلىنىپ، -  پايدىسى يوق، ئىلگىرى  بەرداشلىق بەرگىنى بىلەن ئەمدى ئۇنداق قىلالمايدۇ،  خانقىزلىق سالاھىيىتىم يوق بولدى، بۇ مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى دىلنار قايتىپ كەلدى، مومىڭىز چوقۇم نۇردۇنغىمۇ قايتىپ كېلىشنى ئۇقتۇرىدۇ!  - دېدى.

رەشىدە ھېچنېمىنى چۈشەنمەي گاڭگىراپ تۇرۇپ قالدى.

ئايرۇس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

- بۇمۇ مۇھىم نۇقتا ئەمەس، مۇھىم نۇقتا... مۇھىم نۇقتا شۇكى ... - دېدى.

بۇ چاغدا ئايرۇسنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاشقا باشلىدى، چاچلىرى قالايمىقان، چىرايى قەغەزدەك تاتىرىپ كەتكەن ئىدى.

 رەشىدە شۇندىلا ئايرۇسنىڭ بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيانقى ھالىتىنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇ بىلمەيدىغان بىرەر ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

- مۇھىم نۇقتا نېمە؟  - دەپ سورىدى رەشىدە.

- مۇھىمى ... ھېلىقى پەسكەش ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ ... ھېلىقى پەسكەش ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ!  - دېدى ئايرۇس.

رەشىدە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى!

- ئىلگىرى نۇردۇن ئائىلىسىنىڭ يۈزىنى دەپ چىداپ كەلگەن، لېكىن ھازىر،  نۇردۇننىڭ يېنىدىكى ھېلىقى پەسكەش ھامىلىدار بولۇپ قالدى، ئەگەر ئۇ قايتىپ كەلمەكچى بولسا، چوقۇم ئۇ ئايالغا ۋە بالىسىغا بىرەر مەرتىۋە بېرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە يەنە دىلنار بىلەن دىلارە ئىككىسى ئاپامنىڭ يېنىدا ئېغىزىدىن كىرىپ، قۇلىقىدىن چىقىشىدۇ... - دېدى ئايرۇس.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ رەشىدەنىڭ چىرايىمۇ سەتلىشىشكە باشلىدى.

-  نېمىشقا، نېمىشقا  مۇشۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار بولىدۇ؟ ئۇ پەسكەش خوتۇن چوقۇم مۇشۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار بولۇشى كېرەكمۇ؟ !  - دېدى رەشىدە كاللىسى بىر مەھەل قالايمىقانلىشىپ.

 يەردە ماغدۇرسىز  ئولتۇرغان ئايرۇس بىلەن كارى بولماي، ئورنىدىن تۇرۇپ، يەرگە نەچچىنى تىپچەكلىۋېتىپ، سافاغا كېلىپ ئولتۇردى.

ئاپىسىنىڭ ئىككى كۈندىن ياقى بىنورمال بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدى.

 ئەسلىدە ھالقىلىق مۇھىم نۇقتا بۇ يەردە ئىكەن. ھېلىقى ئايال ھامىلىدار بوپتۇ، يەنە دىلنار قايتىپ كەپتۇ.

 بىر دىلارە ئۇلارنى مۇشۇنداق ئېغىر ھالسىزلاندۇرۇپ قويدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دىلنار قايتىپ كەلدى...

رەشىدە  كۆزىنى يۇمدى، كاللىسى   قالايمىقان بولۇپ كەتتى.

ئۆيدە ھازىر ئىككى ئادەمنىڭ نەپەس ئاۋازىدىن باشقا ھېچقانداق ئاۋازنى ئاڭلىغىلى بولمايتتى.

مۇشۇ ھالەتتە توپتوغرا ئون نەچچە مىنۇت سۈكۈتكە چۆككەندىن كېيىن، رەشىدە تۇيۇقسىز كۆزىنى ئېچىپ:

- ئۇنداق بولسا، ئۇ ئايالنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايتۇرۇپ كەلسەك قانداق؟ - دېدى.

ئايرۇس تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتۈردى، بىر جۈپ قىپقىزىل كۆزى تۇيۇقسىز قىسىلىپ:

- خام خىيال! !  ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟ ! ئۇ ئايال قايتىپ كېلىپ ھەر كۈنى قورسىقىنى كۆتۈرۈپ ئالدىمدا ئىرغاڭلىسۇنمۇ ياكى ھەر كۈنى ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتىنى كۆز-كۆز قىلىشقىنى كۆرەيمۇ؟ ! - دېدى.

ئۇ قانداقلا بولمىسۇن ئېرىنىڭ باشقا بىر ئايالى بولۇشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ،  ھەر كۈنى باشقا بىر ئايالغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىنى دېمەيلا قويايلى!

دەرۋەقە، ئاياللار ئەرلەرنىڭ بۇ مەسىلىسى ئالدىدا،  ھامىنى ئاجىزلىق قىلىدۇ.

رەشىدە چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ:

- ئۇ ئايالنىڭ بالىسىنى تەبىئىي ھالدا ئېلىپ قېلىشقا بولمايدۇ، دىلنار  ئانا-بالىنىڭ بىزگە قىلغان ھەيۋىسى ئالدىدا  بىزمۇ بۇنداق تۈگىشىشنى كۈتۈپ ئولتۇرساق بولمايدۇ، - دېدى.

ئايرۇسنىڭ چىراي ئىپادىسى بىرئاز ئۆزگىرىپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالغاندەك بولۇپ، قوشۇمىسىنى سەل تۈرگىنىچە رەشىدەگە قاراپ:

-  بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ - دېدى.

 رەشىدە كۈلۈپ قويۇپ:

- بىز ئاۋۋال تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادامنى قايتۇرۇپ كېلىشىمىز كېرەك. - دېدى. 

ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇپ كەتتى، رەنا خانىم، دىلنار ۋە دىلارە قاتارلىقلار كۇتۇپخانىغا يىغىلدى.

رەنا  كۈتۈنمىسە بولمايدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئورنىنى دىلنارغا ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولدى.

دىلنار ئىتتىكلا دىلارەغا قارىدى، دىلارە قورسىقىنى سىلاپ، چاي ئۈستىلىدىكى  مېۋىلەرنى يەۋاتاتتى، ئۇنىڭ كۆزى باشتىن-ئاخىر دىلنار بىلەن ئۇچراشمىدى.

دىلنار ئامالسىز بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىشنى تاللىدى.

ئاندا-ساندا رەنادىن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى سوراپ، ناھايىتى ئىللىق ۋە ئىناق كەيپىيات ھاسىل قىلدى.

 بۇ چاغدا زەرىفە سەل ئىككىلەنگەن ھالدا كىرىپ:

-  رەنا خانىم، ئايرۇس ۋە ... رەشىدە خانقىز كەلدى.  - دەپ خەۋەر قىلدى.

كۇتۇپخانىدىكى ئۈچ ئادەمنىڭ ھەممىسى بىلىنەر - بىلىنمەس ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى.

ئاخىرىدا دىلنار بىلەن دىلارە بىر-بىرىگە قارىشىپ قويدى.

 رەنا  قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

- ئۇلار نېمە قىلغىلى كەپتۇ؟  - دەپ سورىدى.

زەرىفە بېشىنى چايقاپ:

- سىز بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان ئىشى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار يەنە، گۈلشەن چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى،  ئۇنىڭغا ئازراق ساۋاق بېرىپ قويۇش ھەقلىق، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى گېپىنى قىلغىلى كەلمىدۇق، دېيىشتى.  - دېدى.

- ئەگەر مۇھىم ئىش بولمىسا، ئەڭ ياخشىسى كۆرۈشمىگىنىمىز ياخشى. مېنىڭ ھازىر ئۇلارنى كۆرگۈم يوق  ... - دېدى رەنا.

- ئاپا! 

ئايرۇسنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇنىڭ كەينىدىن رەشىدە ئىشىك سىرتىدا توسۇۋالغان ياردەمچىلەردىن قۇتۇلۇپ، ئېتىلىپ كىردى.

ئاساسىي ئورۇندا ئولتۇرغان دىلنارنى كۆرگەندە، ئايرۇسنىڭ چىراي ئىپادىسى شۇ ھامان قېتىپ قالدى.

 



  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章