كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
63 | 62 | 61 | ||
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
64-قىسىم
64-قىسىم
بۇ ساتقىنلىق ئەمەس، ئۆچ ئېلىش
بۇ گەپنى ئاڭلىغان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ كۆزلىرى جىددىي قىسىلىپ سۇس چاقناپ:
ـ خانىم خاتا بىلىپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟ بىزنىڭ گۈزەلنۇرنىڭ ئوغۇل دوستى يىراق ئەلدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپنىڭ تالانتلىق ئوقۇغۇچىسى. - دېدى.
قەيسەرنىڭ ئاپىسى بارغانسېرى گاڭگىراپ:
ـ بىراق، تۈنۈگۈن گۈزەلنۇر تېخى بىزنىڭ قەيسەر بىلەن بىللە تاماق يېگەنغۇ؟ - دېدى.
- ئەگەر بىللە تاماق يېگەنگىلا ئوغۇل دوستى بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا بىزنىڭ گۈزەلنۇرنىڭ ئوغۇل دوستى، بۇ يەردىن تيەننىڭ سارىيىنىڭ دەرۋازىسىغىچە تىزىلىپ كېتىدۇ. - دېدى چىرايى باشقىچە قارىداپ، - بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق قالايمىقان گەپ قىلماڭ، كىم قىزىم گۈزەلنۇرنىڭ نام - ئابرۇيىغا داغ تەگكۈزسە، دادىسى بولغان مەن ئۇنى بوش قويۇۋەتمەيمەن!- دېدى تۇرسۇن ئەپەندى .
تۆت ئەتراپتىكى مېھمانلارنىڭ ھەممىسى ھەيرانلىقتا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمىدى. ئەمما بىر نۇقتا ئېنىق بولدى.
بىر نەچچەيلەننىڭ قىسقىغىنا پارىڭىدىن، قەيسەرنىڭ تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ يوتىسىغا يامىشالمىغانلىقىنى چۈشىنىشتى.
- بولىدۇ كۆپچىلىك! - دېدى جەسۇر ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، يۇقىرى ئاۋازدا، - تۇرسۇن ئەپەندىمۇ يېتىپ كەلدى، ئۇنداقتا بۈگۈن كەچتىكى تەبرىكلەش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى! كۆپچىلىك ھەممىمىز بىرلىكتە چاۋاك چېلىپ، تۇرسۇن ئەپەندىنى بىرنەچچە ئېغىز تەبرىك سۆزى قىلىشقا تەكلىپ قىلايلى. - دېدى.
ئەگەر جەسۇر بولمىغان بولسا، گۈزەلنۇر بىلەن قەيسەر تويغا پۈتۈشۈپ، ئىككى ئائىلە قۇدىلاشقان بولاتتى.
بۇنىڭ بىلەن ئارزۇلۇق قىزىنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختى نابۇت بولۇپلا قالماي، پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ يۈزى يەر بىلەن يەكسان بولاتتى.
بۇنداق چوڭ ئادەمگەرچىلىكنى تۇرسۇن ئەپەندى ئەلۋەتتە قايتۇرىدۇ.
كۆپچىلىك تەڭلا چاۋاك چالدى، تۇرسۇن ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ سەھنىسىگە چىقىپ:
- جەسۇر دىرېكتورنىڭ ماڭا بۇ پۇرسەتنى بەرگەنلىكىگە رەھمەت، تيەننىڭ گۇرۇھىنىڭ جەسۇر دىرېكتورنىڭ رەھبەرلىكىدە چوقۇم غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. - دېدى.
مۇشۇ بىر جۈملە سۆزى بىلەن ئۆزىنىڭ ھازىرقى پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەپ، جەسۇر تەرەپتە تۇردى.
جەسۇر ئائىلىسىنىڭ مالىيە كۈچى، يەنە كاتتا كىشىلەرنىڭ قوللىشى بولسا... كىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس ئەلۋەتتە.
ئەسلىدە يەنىلا ئىككىلىنىپ جەسۇر تەرەپتە تۇرۇش ياكى قەيسەر تەرەپتە تۇرۇشنى بىلەلمەيۋاتقان پايچىكلار، دەرھال ئېنىق بىر قارارغا كەلدى.
ھەممەيلەن جەسۇر بىلەن زىلالەنىڭ يېنىغا يىغىلىپ، قەدەھ تۇتۇپ تەبرىكلىدى.
ھەتتا شىركەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن ئادەتتە قەيسەرگە خۇشامەت قىلىدىغانلارمۇ شۇ پەيتتە ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى.
يۇلتۇزلار ئارىسىدا چاقناپ تۇرغان جەسۇر بار يەردە، قانداقمۇ قەيسەر تەرەپكە ئاغسۇن.
يېتىم قالغان قەيسەر قولىدىكى رومكىنى قويۇپ، بۇرۇلۇپ زىياپەت زالىدىن چىقىپ كەتتى.
قەيسەرنىڭ ئاپىسى ئالدىراپ-تېنەپ:
- قەيسەر، كەتمە، گۈزەلنۇرغا تېلېفون قىلىپ بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى سوراپ باقمامسەن ؟ - دېدى.
كارىدورنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە، ئاپىسى گۈزەلنۇرنى يۆلەپ چىقىپ، لىفىتنىڭ ئالدىغا كەلدى.
گۈزەلنۇرنى كۆرۈپ، قەيسەرنىڭ كۆزلىرى باشقىچە چاقنىدى.
قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئىشىغا قوشۇلمايدىغان ئادەم يالغۇز تۇرسۇن ئەپەندىلا ئىكەن.
ئەگەر گۈزەلنۇرنى ئوبدانراق بەزلەپ، گوللاپ قويسا، بەلكىم يەنە پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن.
قەيسەر كۈلۈپ تۇرۇپ ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ:
- گۈزەلنۇر، مەن تېخى سىزنى... - دېدى.
پاق!
قەيسەرنىڭ گېپى تۈگمەستىنلا گۈزەلنۇر يۈزىگە شاپىلاق سېلىپ:
- مەندەك ئەخمەق بىلەن مۇھەببەتلىشىپ، سىزگە قاتتىق ئۇۋال بولدىمۇ؟ ئاشۇ كارىۋاتتىكى ئىش ئۇقىدىغان ئاشنىڭىزنى ئىزدەڭ! - دېدى.
ھەم ئاچچىقى قىرىق گەز ئۆرلىگەن، ھەم ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان گۈزەلنۇر غەزەپ بىلەن تىللاپ، يىغلىغان پېتى لىفىتقا چىقتى.
قەيسەر تاياق دەستىدىن ھاڭ-تاڭ قالدى، ئاپىسىمۇ ھەيرانلىقتا گاڭگىراپ:
- سىز... نېمىشقا ئادەم ئۇرىسىز؟ - دېدى.
- بىر تەستەك تېخى يېنىك چۈشۈپ قالدى! - دېدى گۈزەلنۇرنىڭ ئاپىسى قەيسەر ئانا-بالا ئىككىيلەننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ـ سىلەرگە دەپ قوياي، ئەگەر قىزىمغا بىرەر ئىشى بولۇپ قالسا، پۈتۈن ئائىلەڭلەردىكى بىرىمۇ ئادەمنى بوش قويۇۋەتمەيمەن! - دېدى - دە بۇرۇلۇپ لىفىتقا چىقتى.
قەيسەرنىڭ ئاپىسى ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى، نېمە ئىش بولغانلىقىنى تېخىمۇ چۈشەنمىدى.
مۇشۇ پەيتتە قەيسەر ھەقىقىي ئەھۋالنى پەرەز قىلىپ:
ـ مەربىيە، ھۇ ئەبلەخ، ئەدىپىڭنى قانداق بېرىدىغانلىقىمنى كۆرىسەن! - دېدى.
ئەگەر مەربىيە ئۇنىڭغا ساتقىنلىق قىلمىغان بولسا، تۇرسۇن ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا بۇنداق مۇئامىلە قىلمايدۇ.
بايا گۈزەلنۇرنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپلەرنى ئۇ پەقەت مەربىيەگىلا دېگەن.
- مەربىيە دېگەن كىم؟ - دەپ سورىدى ئاپىسى.
قەيسەر جاۋابمۇ بەرمەستىن بۇرۇلۇپلا يەنە بىر لېفىتقا چىقتى.
ئۇ ئاپىسىنىڭ كەينىدىن كىرىشىنى كۈتمەيلا، چىرايىنى تۈرۈپ لىفىت ئىشىكىنىڭ ئېتىش كۇنۇپكىسىنى باستى.
قەيسەر لىفىتتىن چىقىپ، ماشىنىنى مەربىيەنىڭ ئىجارە ئۆيگە قاراپ ھەيدىدى.
ياتاق بىناسىدا، نەدىمۇ مەربىيەنىڭ كۆلەڭگىسى بولسۇن، ھەتتا يۈك-تاقلىرىنىمۇ پاك-پاكىز يىغىشتۇرۇپ كېتىپ قاپتۇ.
- پەسكەش! -
قەيسەر ئاچچىقىدا شىرەگە بىرنى تەپتى.
دىر - دىر
يانچۇقىدىكى يان تېلېفون تىترىدى.
قەيسەر نومۇرغا قارىمايلا ئېلىپ:
- گېپىڭىز بولسا قىلىڭ! - دېدى.
- سوراپ باقسام قەيسەر ئەپەندى بولامسىز؟ مەن ۋاڭجىڭ مېھمانسارىيىدىن تېلېفون قىلىۋاتىمەن، 403-ياتاقتا تۇرىدىغان مەربىيە خانقىز سىزنىڭ دوستىڭىزمۇ؟ ئۇ كۆپ ئىچىۋاپتۇ، بىزمۇ ئامالسىز ئۇنىڭ تېلېفون خاتىرىسىدىن سىزنىڭ تېلېفونىڭىزنى تاپتۇق.
قارشى تەرەپنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا، قەيسەر تېلېفوننى قويۇۋېتىپ، ئاچچىقىدا ياتاق بىناسىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئېتىلىپ چىقتى.
تېلېفوننىڭ يەنە بىر تەرىپىدە تۇرغان ئەنۋەر نۇرى ئۆچكەن تېلېفون ئېكرانىغا قاراپ، لەۋلىرىنى ئېگىپ كۈلۈپ قويدى.
ئاندىن ۋاقىتقا قاراپ، قەيسەرنىڭ ۋاڭجىڭ مېھمانسارىيىغا ئاز قالغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، مەربىيەنىڭ نومۇرىنى تېپىپ، تېلېفون ئۇرۇپ:
- مەربىيە خانقىز، سىز ياتاقتىمۇ؟ سىز ئەۋەتكەن ۋىدىيۇنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، چاتاق يوقكەن، ئايروپىلان بېلىتى ۋە نەق پۇل چېكىنى تەييارلاپ قويدۇم، ھازىرلا ئاپىرىپ بەرسەم قولايلىقمۇ؟ - دېدى.
ۋاننىدا يۇيۇنۇۋاتقان مەربىيە خۇشاللىقىدا ۋاننىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ:
- بولىدۇ، قولايلىق، مەن ھازىر ياتاقتا! - دېدى.
- ھازىرلا بارىمەن. - دېدى ئەنۋەر.
- بولىدۇ، سەل تۇرۇپ كۆرۈشەيلى! - دېدى مەربىيە.
تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، كىيىملىرىنى كىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي، مۇنچا كىيىمىنى كىيىپلا چىقتى.
مېھمانخانىدا بىر نەچچە كۈندىن ياقى قارشى تەرەپنىڭ پۇل چېكىنى ساقلاپ تاقىتى تاق بولۇپ ئاخىرى قولىغا ئالىدىغان بولدى، شۇ تاپتا چىرايىدا ئاپتەپتەك كۈلكە جىلۋىلەندى.
ئەتە ئەتىگەندە، بۇ نەس باسقان جايدىن ئايرىلىپ، يېڭى ھاياتىنى قايتىدىن باشلايدۇ.
ۋاقتى كەلگەندە، قەيسەر ئۇنىڭ ئۆزىگە ساتقىنلىق قىلغانلىقىنى بىلسىمۇ تاپالمايدۇ.
ئىشىك قاتتىق چېكىلدى، مەربىيە كۈلۈپ تۇرۇپ ئىشىكنى ئاچتى.
ئىشىك سىرتىدا تۇرغان قەيسەرنى كۆرۈپ، ئىككى سېكۇنت ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قېلىپ، نۇر تېزلىكىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئالاقزادىلىك ئىچىدە ئىشىكنى ياپماقچى بولدى.
ئەمما كېچىككەنىدى. قەيسەر ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، پۇتى بىلەن ئىشىك تاختىسىنى توسۇپ، قاتتىق ئىتتىرىپ ئېچىۋەتتى.
مەربىيە كەينىگە ئىككى قەدەم داجىپ، گىلەم ئۈستىگە يىقىلىپ چۈشتى.
قەيسەرنىڭ ئىشىكتىن كىرىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئالاقزادىلىك ئىچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ، ئىشىكنى مەھكەم يېپىپ قۇلۇپلىۋالدى.
تىترىگەن ھالدا يان تېلېفوننى ئېلىپ ئەنۋەرگە تېلېفون قىلىپ:
- ئەنۋەر ئەپەندى، تېز ... تېز كېلىپ مېنى قۇتقۇزۋېلىڭ، قەي... قەيسەر ياتىقىمغا ئېتىلىپ كىردى. - دېدى.
- ئەگەر مەن خاتا پەرەز قىلمىغان بولسام، سىز ھازىر تازىلىق ئۆيىگە كىرىۋالدىڭىزغۇ دەيمەن؟
تېلېفوندىن يېقىملىق كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلدى.
مەربىيە بۇ ئاۋازنى تونۇغاندەك ھېس قىلىپ:
- سىز ... جەسۇرمۇ؟ - دەپ سورىدى.
تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكى قاتتىق تېپىلدى، قورققىنىدىن مەربىيەنىڭ ئاۋازىمۇ تىترەپ:
- سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي مېنى قۇتقۇزىۋېلىڭ . قەيسەر مېنى ئۇرۇپ جېنىمنى ئالىدۇ! - دېدى.
جەسۇر تېلېفوندا قاقاقلاپ كۈلۈپ:
- مەربىيە خانقىز قەيسەرنىڭ ياتىقىڭىزنى ئاسانلا تېپىۋالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ - دېدى.
مەربىيە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپلا قېلىپ، تۇيۇقسىز ئىنكاس قايتۇردى.
بۇ ياتاقنى ئەنۋەر ئۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن، بىرەرسى قەستەن دەپ بەرمىگەن بولمىسىلا... قەيسەرنىڭ بۇنداق ئاسانلا تېپىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس.
- سىز ماڭا ساتقىنلىق قىلدىڭىزمۇ؟ - دېدى مەربىيە ئۆزىنىڭ خىيالىنى دەلىللەش ئۈچۈن.
جەسۇر كەسكىنلىك بىلەن:
- بۇ ساتقىنلىق ئەمەس، ئۆچ ئېلىش . - دېدى.
مەربىيەنىڭ پەقەتلا ئىشەنگۈسى كەلمەي:
- بىراق سىز... مېنى قويۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغان. - دېدى.
- مەن سىزگە ۋەدە بەرگەنمۇ؟ - دېدى جەسۇر قايتۇرما سوراق شەكلىدە.
مەربىيە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى.
ئويلاپ باقسا، ئاشۇ كۈنى كەچتە، ئۆزى جەسۇرنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئۆتۈنگەن.
جەسۇر باشتىن-ئاخىر ئۇنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئاغزىغا ئالمىغان.
مەربىيەنىڭ يۈرىكى بىردىنلا ئەنسىز سوۋۇپ:
- قەستەن قىلدىڭىز شۇنداقمۇ؟ - دېدى.
- مەربىيە خانقىز، ھەقىقەتەن ئەقىللىقكەنسىز. - دېدى جەسۇر. تەلەپپۇزىنى شۇ كۈنى ئاخشىمى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش چىقىرىپ، - ھازىر، شۇ كۈنى كەچتىكى زىلالەنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئوبدان ھېس قىلىپ بېقىڭ! - دېدى .
تېلېفون ئۈزۈلدى.
تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكى قەيسەرنىڭ تېپىشىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئېچىلىپ كەتتى .
..................................
...........
...
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar