مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز66-قىسىم - دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى سىڭىل!

文摘   小说   2024-08-18 13:59   新疆  
  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق 88-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261






 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

66-قىسىم

 

 


66-قىسىم  دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى سىڭىل


 زىلالەنىڭ يۈزى تۆۋەن بولغاچقا، بېشىنى چۆكۈرۈپ ئەستايىدىل تاماق يەپ،  خىجىللىقىنى يوشۇردى.

ناشتىدىن كېيىن، نەرسە - كېرەكلىرىنى ئاددىيلا يىغىشتۇرۇپ، جەسۇر بىلەن خوشلىشىپ، مېڭىشقا تەييارلاندى.

 -  نېمە؟  - دېدى جەسۇر تەكچىگە يۆلىنىپ بېشىنى سىڭاريان قىلىپ،  -  يەپ بولۇپلا كېتەمسىز؟ -  دېدى.  

زىلالە ئۇنىڭ ئەتىگەنلىك تاماقنى دېمىگەنلىكىنى بىلىپ، يۈزلىرى قىزىپ :

- ئاكام بار جاي شەھەر سىرتىدا، بالدۇرراق بېرىشىم كېرەك. -  دېدى.

جەسۇر يېنىغا كېلىپ، ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى  قولىغا تۇتقۇزۇپ:

- ماشىنامنى ھەيدەپ بېرىڭ، يولدا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ. -  دېدى.

ئالدىنقى قېتىم  بىر ماشىنىنى زىيانغا ئۇچراتتى، شۇڭا باشقىچە ئىش تېرىپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەن زىلالە:

- ياق بولدى، ۋاقىت خېلى بالدۇر، ئالدىراپ كەتمەيمەن - دېدى .

ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا، جەسۇر ئېڭىشىپ، ئاغزىنى ئېتىۋالدى.

ئەتىگەندىكى چوڭقۇر سۆيۈشۈشتىن قىزىلگۈلدەك قىزىرىپ كەتكەن يۈزىنى سەل-پەل كۆتۈرۈپ:

 - ئەگەر ئالدىرىمىسىڭىز، مەنمۇ باشقىچە ئىش قىلىشنى كۆڭلۈمگە ئالمايمەن.- دېدى جەسۇر.

بۇ ۋاقىتتا باشقا ئىش قىلسا، مەنزىلگە يېتىپ بارغۇچە، يوقلاش ۋاقتى ئاخىرلىشىدۇ.

- ۋاقىت قىستاپ قالدى، ماڭغاچ تۇراي! -  دېدى زىلالە يېنىك ئىتتىرىپ، ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ، ئالدىراپ-تېنەپ زالنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ، لىفىتقا ئولتۇرۇپ پەسكە چۈشتى.

كورپۇس ئىشىكىنىڭ ئالدىدا چىققاندا، سائەتلىك ئىشچىلىققا تەكلىپ قىلغان ھەدەش ئۇچراپ كۈلۈپ تۇرۇپ  سالام قىلدى.

 كۆزى زىلالەنىڭ يۈزىگە چۈشكەندە، نېمىشقىدۇر باشقىچە ئېچىلىپ كۈلۈپ قويۇپ:

 - دەرۋەقە، ئېرى كۆيۈنىدىغان ئايال ئوخشىمايدىكەن، بۈگۈن بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز. -  دېدى.

- يەنە مېنى مازاق قىلىۋاتىسىز. -  دېدى زىلالە قارشى تەرەپكە قولىنى پۇلاڭلىتىپ، تېز قەدەم بىلەن ئىشىكتىن چىقتى.

 يېڭىدىن سېتىۋالغان ماشىنىغا چىقىپ، گىرىم ئەينىكىنى چۈشۈرۈپ، لەۋ گىرىمىنى تولۇقلىدى.

ئەينەكتىكى نازۇك چىرايى قىزىرىپ، بىر جۈپ كۆزىدىن نۇر چاقناپ تۇراتتى.

خۇددى يامغۇر سۈيىدە نەملەنگەن ئەتىرگۈلگە ئوخشاش،  ئادەتتىكىدىنمۇ چىرايلىق كۆرۈنۈپ،  يۈزىنى  سىلاپ باقتى.

جەسۇرنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلىشىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچمىدى.

ھازىرقى ئۇ ھەقىقەتەن  ئەسكى ئايالغا ئايلىنىپ قالدىمۇ؟!

 بېشىنى چايقاپ، كۆڭلىدىكى مۇرەككەپ كەيپىياتنى پەسەيتىپ، گىرىم ئەينىكىنى ئەسلىدىكى ئورنىغا چىقىرىپ، يولغا چىقتى.

ئاممىۋى ئاپتوبۇستا قىستىلىپ ماڭمىغاچقا، ئۆزى ئويلىغان ۋاقىتتىن يېرىم سائەت بۇرۇن يېتىپ كەلدى.

ئاكىسىغا ئېلىپ كەلگەن يېمەكلىك ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى خىزمەتچىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن،  باشقا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە يوقلاش زالىغا كەلدى.

ئەينەك بىلەن ئايرىلىپ تۇرغان يوقلاش ئۆيىگە كىرگەندە  ئاكىسى ئۆمەر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇنى ساقلاۋاتاتتى.

ھېلىقى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ياش تالانت ئىگىسى ئورۇقلاپ قالغانىدى.

ئاكىسىنىڭ يۈزىدىكى يارا ئېغىزىغا دىققەت قىلغان زىلالە جىددىيلەشكەن ھالدا تېلېفون تۇرۇپكىسىنى ئېلىپ:

- ئاكا، يۈزىڭىزگە نېمە بولدى؟ -  دەپ سورىدى.

 - ھېچقىسى يوق! - دېدى ئۆمەر كۈلۈپ تۇرۇپ يۈزىنى سىلاپ، - ئەتىگەندە ساقىلىمنى ئېلىشقا ئالدىراپ كېتىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن  كېسىۋالدىم. -  دېدى.

تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ساقال ئالغۇچنى ساقلاشقا بولمىغاچقا، ئادەتتە خالىغانچە ئىشلىتەلمەيدۇ.

سىڭلىسىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئۆمەر باشقۇرغۇچىلارغا ئالاھىدە ئىلتىماس سۇنغاندىن كېيىن ئاندىن ساقىلىنى ئالغانىدى.

بۇ يەردە پەقەت كونا پاسوندىكى قولدا ئالىدىغان ساقال ئالغۇچلا بار بولۇپ، ئۆمەر بۇرۇن ئىشلىتىپ باقمىغاچقا ئېھتىياتسىزلىقتىن يۈزىنى كېسىۋالدى.

ئاكىسىنىڭ كۈلكىسىدىن زىلالەنىڭ  ئىچى تېخىمۇ ئاچچىق بولدى.

ئۆمەر ئىلگىرى چوڭ-چوڭ لايىھە مۇسابىقىلىرىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ھەممە ئادەم ئۇنى كەلگۈسىدىكى لايىھە ئۇستىسى دەپ قارايتتى.

ھازىرچۇ، قارا تۆھمەتنى يۈدۈپ، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا يېتىۋاتىدۇ.

سىڭلىسى بولغان ئادەمنىڭ قانداقمۇ ئىچى ئاغرىمىسۇن؟

زىلالە كەيپىياتىنى تىرىشىپ كونترول قىلىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ:

- سىزگە دېسەم، دادامنىڭ ئوپېراتسىيەسى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، ھوشىغىمۇ كەلدى، دوختۇر داۋالىنىشتا چىڭ تۇرساقلا،  تېزلا گەپ قىلالايدۇ، كېيىن ئورنىدىن تۇرالىشى مۇمكىن، دەيدۇ! -  دېدى.

 -  شۇنداقمۇ؟  بەك ياخشى بوپتۇ. - دېدى ئۆمەر كۈلۈپ تۇرۇپ.

 - يەنە بۇمۇ بار. - دېدى زىلالە سومكىسىدىن ئېلىپ كەلگەن ھۆججەتنى چىقىرىپ،  - مەن سىزگە ياخشى ئادۋوكاتتىن بىرنى تاپتىم، كىچىك ۋاقتىمىزدىكى قوشنىمىزنىڭ بالىسى ئەكبەر ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۇ ھازىر قالتىس ئادۋوكات بوپتۇ، بىزگە ياردەم قىلىپ، نارازىلىق ئەرز سۇنۇشقا ماقۇل بولدى! بۇنىڭغا ئىمزا قويسىڭىزلا، توختام كۈچكە ئىگە بولىدۇ. -  دېدى.

ئەينەك دېرىزىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئۆمەرنىڭ چىرايىدا، زىلالەنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى خۇشاللىق ئىپادىسى كۆرۈلمىدى.

 -  ھاجىتى يوق، زىلالە! - دېدى ئۆمەر كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى چايقاپ، - ئەمدى بۇ ئىشلارغا ئارىلاشماڭ، دادامنى ئېلىپ يىراقلارغا بېرىپ ئوقۇڭ، مەن ئىلگىرى  نامىڭىزدىكى زايوملارنى يۆتكەپ قويغان،   تېجەپ ئىشلەتسىڭىز، بىر نەچچە يىل ئىشلىتىشىڭىزگە يېتىدۇ، - دېدى.

 زىلالەنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ:

- ئاكا!   مۇشۇنداقلا ۋاز كەچمەكچىمۇ؟ - دەپ سورىدى.

زىلالە ئاكىسىنى ئەنسىرەتمەسلىك ئۈچۈن  زايومنى سېتىپ، سوتنىڭ جەرىمانىسىنى تۆلەپ،  بىر نەچچە يىل ئاز ھۆكۈم قىلىشقا ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتمىغانىدى.

ئۆمەر بېشىنى پەسكە ساڭگىلاتتى.  ئەلۋەتتە ئۇمۇ ۋاز كېچىشنى خالىمايدۇ.

تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ياتقانغا قارىغاندا، ئۇنى تېخىمۇ ئازابلىغىنى قارا نىيەت، رەھىمسىز لايىھەلىگۈچى دېگەن سېسىق نامىنى يۈدۈپ يۈرۈشى ئىكەنلىكى ئېنىق. لېكىن، دەۋا قىلىش ئۈچۈن پۇل كېتىدۇ.

ھازىر ئائىلىسى مۇشۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، زىلالە ئۆزى يالغۇز دادىسىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ.

 سىڭلىسىنىڭ نارازىلىق ئەرزى قىلىش ئۈچۈن يەنە ھەممە يەرگە چېپىپ يۈرۈشىگە قانداقمۇ چىدايدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئاجىز ھالىتىدە قەيسەرگە تاقابىل تۇرالمايدۇ.

ئەگەر زىلالە يەنە بۇ شەھەردە تۇرسا، قەيسەر چوقۇم سىڭلىسىنى بوش قويۇۋەتمەيدۇ.

ئۆمەر بۇ يەردە يېتىشقا، بىر ئۆمۈر تۆھمەتكە قېلىشقا رازىكى، ئۇ ئەبلەخنىڭ زىلالەنى بوزەك قىلىشىغا قاراپ تۇرالمايدۇ.

 - زىلالە! - دېدى ئۆمەر ئالىقىنىنى سوزۇپ، دېرىزىگە يۆلەپ تۇرۇپ،  -  گېپىمنى ئاڭلاڭ، ئارانلا بەش يىل، ئىشىنىمەن ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ... سىز دادامنى ئېلىپ،يىراقلارغا بېرىپ ئوقۇپ كەلگەندە، مەنمۇ بۇ يەردىن چىقىمەن، ۋاقتى كەلگەندە، ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.- دېدى.

 - بولمايدۇ! - دېدى زىلالە قاتتىق تەلەپپۇزدا ،  - بۇ دەۋانى  چوقۇم قىلىشىم كېرەك،  كۆپچىلىككە سىزگە ئۇۋال قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىمەن! -  دېدى.  

قولىدىكى ھۆججەتنى دېرىزە ئاستىدىكى بوشلۇقتىن كىرگۈزۈپ، ئىمزا قەلىمىنى سونۇپ:

 - ئاكا، ھۆججەتكە ئىمزا قويسىڭىزلا بولدى، قالغان ئىشلارنى ماڭا تاپشۇرۇڭ، - دېدى.

ئۆمەر يەنە نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولغاندا زىلالە قىزارغان كۆزلىرىنى لاپپىدە كۆتۈرۈپ:

- بۇ دەۋانى قىلىشنىڭ تەسلىكىنى بىلىمەن، بىراق، ھەتتا مەنمۇ سىزنى تاشلاپ كەتسەم، يەنە ئادەم ھېسابلىنامدىم؟ -  دەپلا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، - ئەگەر مېنى راستتىنلا سىڭلىم دەپ قارىسىڭىز،  تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ بىكارغا كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئىمزا قويۇڭ، بولامدۇ؟ -  دېدى.

دېرىزە سىرتىدىكى مىڭ يەردىن تاراملاپ ياش تۆكۈۋاتقان سىڭلىسىغا قارىغان ئۆمەرنىڭ يۈرىكى  بەرداشلىق بېرەلمىدى.

كىچىكىدىن تارتىپ، ئۇ ۋە دادىسىنىڭ ئالىقىنىدا گۆھەر بولۇپ كەلگەن كىچىككىنە قىزچاق  ئۆزى يالغۇز ھەممىگە يۈزلەنمەكچى بولۇۋاتىدۇ.

ئۆمەرنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ، كۆز ياشلىرى لىغىرلاپ:

 - زىلالە، مەن يارىماسكەنمەن، ھالىڭىزدىن مەن خەۋەر ئېلىشىم كېرەكتى! -  دېدى.

- ماڭا  كۆيىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. - دېدى زىلالە يىغلاپ تۇرۇپ، - ئۇنداقتا ئىككىمىز بىللە تىرىشىپ، بىرلىكتە  دەۋادا ئۇتۇپ چىقايلى، بولامدۇ؟ بۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن، دادامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسىڭىز، شۇ چاغدا مەنمۇ خاتىرجەم ھالدا ئوقۇشقا چىقالايمەن، - دېدى.

ئۆمەر بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، بېشىنى كۆتۈرۈپ:

- سىزگە ماقۇل بولسام بولىدۇ، لېكىن سىزمۇ ۋەدە بېرىڭ، ئەگەر بۇ قېتىمقى دەۋادا ئۇتتۇرۇپ قويسىڭىز، دەرھال دادامنى ئېلىپ يىراقلارغا كېتىڭ،  مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. - دېدى.

ئۆمەر زىلالەنىڭ قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئىمزا قويماي تۇرۇۋالدى، شۇڭا زىلالەمۇ ئامالسىز بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇل بولدى.

ئۆمەر ئىمزا قەلىمىنى ئېلىپ، ھۆججەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا ئىسمىنى يازدى.

- بولدى، يوقلاش ۋاقتى توشتى.   

خىزمەتچى خادىملار كېلىپ، يۇقىرى ئاۋازدا ئەسكەرتتى.

ئۆمەر ئىمزا قويۇپ بولغان ھۆججەتنى سۇنۇپ:

 - زىلالە، ۋەدە بېرىڭ، چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ.  مەيلى قەيەردە بولۇڭ مەڭگۈ ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز مېنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى سىڭلىم ، - دېدى - دە سىڭلىسىغا كۆزى قىيمىغان ھالدا قارىۋەتكەندىن كېيىن، كەسكىنلىك بىلەن بۇرۇلۇپ، يوقلاش ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى.

زىلالە ھۆججەتنى ئېلىپ، تەپسىلىي قاراپ جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، سومكىسىغا سېلىپ، ياشلىرىنى سۈرتتى.

بۇ توختام بولسىلا، ئەكبەر ئاكىسىنىڭ نارازىلىق ئەرزى بېرىشىگە رەسمىي ياردەم قىلىشنى باشلىيالايدۇ.

زىلالە يوقلاش ئۆيىدىن چىقىپ، ئالدىراپ چوڭ دەرۋازىدىن چىققاندا، ئۇدۇلدىن بىر ئادەم كېلىپ ئالدىنى توسۇپ:

 - زىلالە، بۈگۈن چوقۇم يوقلاشقا كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم. -  دېدى.








 

..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章