كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
72 | 71 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
73-قىسىم
73-قىسىم
سىزنى سۆيگۈم كېلىۋاتىدۇ
- قارىڭە سىزنى... - دېدى جەسۇر كۈلۈپ تۇرۇپ، - چىراي ئىپادىڭىزنى ئازراق يىغىشتۇرۋېلىڭ، سىزدىن قىزىل بولاق ئېلىشىمدىن ئەنسىرەۋاتامسىز؟ - دەپ چاقچاق قىلدى.
ئەكبەر ئۆزىنىڭ ھاڭۋېقىپ قالغانلىقىغا دىققەت قىلىپ، كۈلكىسى بىلەن يۇشۇرماقچى بولۇپ:
- ھە... بەكلا تاسادىپىيلىق ھېس قىلىپ قالدىم، ئىككىڭلارنىڭ توي قىلشىڭلارنى ئويلاپ باقماپتىمەن! مۇبارەك بولسۇن، مۇبارەك بولسۇن! - دېدى.
جەسۇر زىلالەنى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ ، ئەكبەرنىمۇ ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلدى، ئۆزى زىلالەنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ:
- خوتۇن ئەكبەر ئىككىڭلار قانداق تونۇشسىلەر؟ - دەپ سورىدى.
- ھە، ئەكبەر ئاكام بىلەن بىز كونا قوشنا. كىچىك ۋاقتىمدا، ئۇ ئاكام بىلەن ساۋاقداش ئوقۇغان، ئۇ چاغلاردا مەن دائىم ئۇلار بىلەن بىللە ئوينايتتىم. - دېدى دېدى زىلالە.
- كۆپچىلىك مۇشۇنداق تونۇش بولغاندىكىن، مەنمۇ گەپنى ئەگىتمەي. - دېدى جەسۇر ئەكبەرگە ياندىن قاراپ قويۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن، - بۇ قېتىم سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلىشىم تاماق يىيىش ئۈچۈنلا ئەمەس، زىلالەنىڭ ئاكىسى ئۆمەرنىڭ دېلوسىغا ياردەم قىلمىسىڭىز بولمايدۇ، - دېدى.
- بۇنى سىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. - دېدى ئەكبەر كۈلۈپ قويۇپ، - مەن زىلالە بىلەن توختام تۈزۈپ بولدۇم. - دېدى.
- مەن دېگەن ھېلىقى ئادۋۇكات ئەكبەر ئاكام شۇ، - دېدى زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ.
جەسۇر ھەيرانلىقتا قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ:
- ئۇنداقتا ياخشى، بىز ئاساسىي تېما ئۈستىدە پاراڭلىشايلى! - دېدى - دە سومكىسىدىن بىر تۇتام ماتېرىيالنى ئېلىپ ئەكبەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، - بۇ مەن تيەننىڭ گۇرۇھىنىڭ ئارخىپلىرى ئىچىدىن تەكشۈرۈپ تاپقان ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىناغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار. - دېدى.
ئەكبەر ماتىرىيالنى قولىنى ئېلىپ، ۋاراقلاپ:
- ئېلىپ كېتىپ تەپسىلىي كۆرۈپ چىقاي. - دېدى.
- يەنە بار. - دېدى جەسۇر زىلالەنىڭ قەيسەردىن ئالغان ھېلىقى جەدۋىلىنى ئېلىپ، - بۇ قەيسەرنىڭ زىلالەغا بەرگەن ھۆججىتى، پەرىزىمىزچە، ئۇنىڭ قولىدا تېخىمۇ كۆپ ماتېرىيال بولۇشى مۇمكىن - دېدى.
- قەيسەر؟- دېدى ئەكبەر بېشىنى كۆتۈرۈپ، - ئۇ كىم بولىدۇ؟ - دەپ سورىدى.
زىلالە تەسلىكتە ئېغىز ئېچىپ:
- مېنىڭ بۇرۇنقى بولغۇسى يولدىشىم، - دېدى.
ئەكبەر داڭ قېتىپ بىردە جەسۇرغا، بىردە زىلالەغا قاراپ، قايتا سورىمىدى.
بۇ قېتىملىق تاماق كەچ سائەت 11 دىن ئاشقاندا ئاندىن ئاخىرلاشتى.
زىلالە بىلەن جەسۇر بىرلىكتە ئەكبەرنى ئۇزىتىپ قويدى.
ياردەمچى ماشىنىنى ھەيدەپ كەلگەندە ئەكبەر ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، يەنە جەسۇر تەرەپكە بۇرۇلۇپ:
- ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، جەسۇر، تۈنۈگۈن زىبارەنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپسىز، سىزنى ئاۋارە قىپتىمەن. - دېدى.
- سىڭلىڭىز مېنىڭ سىڭلىمغا ئوخشاش تۇرسا، نېمىگە ئاۋارچىلىق بولاتتى، - دېدى جەسۇر ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ قويۇپ، - تېز قايتىپ ئارام ئېلىڭ. - دېدى.
ئەكبەر ئىككىيلەنگە قاراپ قول پۇلاڭلاتتى، ياردەمچى ماشىنىنى قوزغىتىپ كېتىپ قالدى.
زىلالە ياندا تۇرۇپ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، گاڭگىراپلا قالدى.
دېمەك، تۈنۈگۈنكى ھېلىقى قىز ئەكبەرنىڭ سىڭلىسى زىبارە ئىكەن؟
جەسۇر بىلەن ئەكبەر شۇنداق ياخشى دوستلاردىن، زىبارە ئاۋارچىلىققا ئۇچرىغاندا ياردەم بېرىشى ھەقلىق.
قارىغاندا ... راستىنلا كۆپ ئويلاپ كەتكەن ئۆزىمۇ قانداق؟
جەسۇر ئۇنىڭ ئۆز ئورنىدا قىمىر قىلماي تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قولىنى كۆتۈرۈپ كۆز ئالدىدا پۇلاڭلىتىپ:
- خوتۇن، نېمىگە ھاڭۋېقىپ تۇرىسىز؟ - دەپ سورىدى.
- ھە! - زىلالە ئېسىگە كېلىپ، بېشىنى چايقاپ، - ھېچ ئىش يوق. - دېدى.
ئىككىيلەن بىللە ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كەلدى، جەسۇر ئازراق ئىچكەن بولغاچقا، ماشىنىنى زىلالە ھەيدىدى.
- تۇيۇقسىز ئېسىمگە كەلدى، باشقا ماتېرىياللارنى ئەكبەرگە بېرىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. - دېدى جەسۇر ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرۇپ، - ماڭايلى، ئاپىرىپ بېرەيلى، - دېدى.
زىلالە ۋاقىتقا قاراپ:
- بەك كەچ بولۇپ كەتتى، بولمىسا ئەتە ۋاقىت چىقىرىپ ئاپىرىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ، - دېدى.
- ئەتە؟ - دېدى جەسۇر ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ، - ئۇنداق بولسا بولمايدۇ، چوقۇم بۈگۈن كەچتىلا قولىغا يەتكۈزەيلى، - دېدى.
ئۇنىڭ شۇنچە ئېغىر گەپ قىلغىنىنى كۆرگەن زىلالە ماشىنىنى ئوڭغا بۇراپ، داچىغا بارىدىغان يولغا كىردى.
بىردەمدىن كېيىن، ماشىنا داچا رايونىغا يېتىپ كەلدى.
ئەكبەرنىڭ داچىسىغا يەنە بىر بۆلەك ئارىلىق قالغاندا جەسۇر تۇيۇقسىز ئېغىز ئېچىپ:
- خوتۇن، ماشىنىنى توختىتىڭ! - دېدى.
زىلالە تورمۇزنى دەسسەپ، ماشىنىنى يول بويىغا توختاتتى.
جەسۇر بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تارتىپ، ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئىتتىرىپ ئاچتى.
ئۇنىڭ ماشىنىدىن چۈشكىنىنى كۆرگەن زىلالە كۆپ ئىچىۋېلىپ بىئارام بولغان ئوخشايدۇ دەپ قاراپ، سۇ بوتۇلكىسى ۋە قەغەزنى ئېلىپ، ماشىنىنىڭ ئالدى تەرىپىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ يېنىغا كېلىپ:
- قەيىرىڭىز بىئارام بولىۋاتىدۇ؟ - دەپ سورىغاچ سۇ بوتۇلكىسىنى ئېچىپ سۇندى، بىر قولىدا مۈرىسىنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولىدا دۈمبىسىگە يېنىك ئۇرۇپ، - قۇسقۇڭىز كېلىۋاتامدۇ؟ - دەپ سورىدى.
جەسۇر بېشىنى كۆتۈرۈپ ئالدىدىكى يولغا قاراپ:
- ئىشقىلىپ بۇ يەر ئەكبەرنىڭ ئۆيىگە يىراق ئەمەس، پىيادە بارايلى. - دېدى.
- بولىدۇ. - زىلالە ئىتتىكلا قولىنى سوزۇپ بىلىكىدىن يۆلەپ، - ئاستىراق مېڭىڭ. - دېدى.
كونا داچىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، جەسۇر قەدىمىنى توختىتىپ:
- سىزنىڭ ئۆيىڭىزمۇ مۇشۇ مەھەللىدە ئەمەسمۇ، قايسى بىنادا؟ - دەپ سورىدى.
زىلالە كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۆزىنىڭ كونا تۇرالغۇسىغا بىر قاراپ قويۇپ:
- دەل مۇشۇ بىنا. - دېدى.
جەسۇر قولىنى كۆتۈرۈپ مۈرىسىدىن تۇتۇپ، مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ:
- كىرىپ كۆرۈپ باقامسىز؟ - دېدى.
زىلالە بېشىنى چايقىدى.
كۆرگۈسى بار، بىراق، ھازىر بۇ ئۆي ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە تەۋە ئەمەس، قانداقمۇ كىرىمەن دەپلا كىرەلىسۇن؟
- يۈرۈڭ، بېرىپ قاراپ باقايلى. - دېدى جەسۇر ئۇنى يۆلەپ، چوڭ قەدەم بىلەن پەلەمپەيگە چىقىپ.
زىلالە ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ تارتىپ:
- ناۋادا ئىچىدە ئادەم بولۇپ قالسا قانداق قىلىمىز؟ - دېدى.
- بۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىز، قانداقسىگە باشقىلار بولسۇن؟ - دېدى جەسۇر ئەڭ ئاخىرقى پەلەمپەيگە تۇرۇپ.
زىلالە ئۇنى كۆپ ئىچىۋاپتۇ دەپ قاراپ، جىددىي توسۇپ:
- جېدەل قىلماڭ بولامدۇ؟ - دېدى.
جەسۇر ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ ئايلاندۇرۇپ، ئىشىك تەرەپكە قاراتتى. ئاندىن قولىدىن تۇتۇپ، بىر نەرسىنى تۇتقۇزدى.
زىلالە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ئالقىنىغا قارىدى، ئالقىنىدا بىر تىزىق ئاچقۇچ تۇراتتى.
ئەڭ چوڭ ئاچقۇچ قىزىل رەڭلىك بولۇپ، بىر بۇرجىكى سىرلانغان، يېنىدا يەنە تۈكلۈك قىزىل كۆزلۈك ئاق توشقان ئېسىقلىق تۇراتتى.
بۇ... ئۇنىڭ ئاچقۇچى ئەمەسمۇ!
زىلالە توشقان يىللىق. ئاچقۇچتىكى كىچىك توشقاننى ئاپىسى تۇنجى قېتىم ئاچقۇچنى ئۇنىڭغا بەرگەندە، ئالايىتەن ئېلىپ بەرگەن.
يەنە تېخى يىپ ئورنىتىپ، بوينىغا ئاسقىلىمۇ بولاتتى .
زىلالە ئاچقۇچنى تۇتۇپ ھەيرانلىقتا جەسۇرغا قارىدى، كۆز چاناقلىرى قىزىرىپ:
- سىز... بۇ ئۆينى سېتىۋالدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- سىزچىچۇ؟ - دېدى جەسۇر كۈلۈپ تۇرۇپ ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ، - ـ ئىشىكنى ئېچىپ قاراپ بېقىڭ، ئۆزگىرىش بارمىكەن؟ - دېدى.
- ھىم! - زىلالە بۇرنىنى تارتىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكنى ئاچماقچى بولدى.
ئەسلىدە بۇ ئۆمرىدە بۇ ئۆيگە قايتىپ كېلىشكە پۇرسەت يوق دەپ ئويلىغان ئىدى.
ئويلىمىغان يەردىن، يەنە قايتىپ كەلدى.
ھاياجانلىنىپ كەتكەچكىمۇ، ئۇدا ئىككى قېتىم سىناپمۇ ئاچقۇچنى كىرگۈزەلمىدى.
جەسۇر يوغان قولىنى سوزۇپ، ئالقىنىنى تۇتۇپ، ئاچقۇچىنى توغرىلاپ كىرگۈزۈپ، ئاستا تولغىدى.
يېنىك ئاۋاز بىلەن ئىشىك ئېچىلدى.
زىلالە تاقەتسىزلىك بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ مېھمانخانىغا ئېتىلىپ كىردى.
جەسۇر چوڭ چىراغنى ياققاندا، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ۋاللىدە يۇرۇپ، تونۇش ھەممە نەرسە كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى.
ئۇ ئۇخلىغان كىرىسلۇ، دادىسى بىلەن ئاكىسى شاھمات ئوينىغان كىچىك ئۈستەل، ئاپىسى ئۆزى لايىھەلىگەن پەردە ...پۈتۈن مېھمانخانىدا ... ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماپتۇ.
ئۆي جاھازلىرىنىڭ ھەممىسى پاك-پاكىز بولۇپ، چىراغ نۇرى ئاستىدا چاقناپ تۇراتتى.
گۈل تەشتىكىگە، پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر قىستۇرۇلغان.
مېۋە تەخسىسىدە، يۇيۇلغان مېۋىلەر بار.
پىئانىنودىكى نوتا، ئالدىنقى قېتىم چالغان بەت ئېچىقلىق.
خۇددى ئەزەلدىن كۆچۈپ كەتمىگەندەك.
ئەتىگەندە چىقىپ، كەچتە قايتىپ كەلگەندەك بىلىندى.
ئىشىكنى تاقىغان جەسۇر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مۇلايىملىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ:
- قانداق، بۇ سوۋغاتنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
..................................
...........
...
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar