گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 83-قىسىم _ ئۆزىگە –راستتىنلا ھامىلدارمۇ

文摘   小说   2024-07-27 13:59   新疆  


;كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات8-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  86  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776



8281



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات8-بۆلۈم

83-قىسىم


 


83-قىسىم

راستتىنلا ھامىلدارمۇ


دىلارە بۇ ئىشتىن كېيىن  خۇددى ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەندەك  تەبىئىيلا تۇردى.

ئەكرەم بىر ھازادىن كېيىن ، ئاندىن ئېچىلىپ قالغان ئاغزىنى يۇمۇپ، يىقىلىپ چۈشكەن مەخبۇبەگە قارىدى.

دىلارە بولسا ئىليارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، سۇس كۈلۈمسىرەپ:

-  ئۇيقۇم كېلىۋاتىدۇ، بېرىپ ئۇخىلىۋالاي، - دېدى.

 ئىليار ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تارتىپ، باغرىغا باستى.

 قولىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ تومۇر سوقۇشىنى ئاستىرتتىن سىناپ باقتى.

دەرۋەقە  قارىماققا ئادەتتىكىدەك تىنچ، تەمكىن تۇراتتى.

 ئىليار يېنىدا ئادەم يوقتەك دىلارەنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ، بۇرۇلۇپلا ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

 ئەكرەم دەرھال دىلنارنىڭ چاقلىق ئورۇندۇقىنى ئىتتىردى ، كەينىدىن ئەگەشتى.

ئىليارنىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئارقا-ئارقىدىن چېكىندى ، پەقەت ئەكبەر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يەنىلا ئۆز ئورنىدا مىدىرلىمىدى.

ھەسەن قاتارلىقلار ئەكبەرنىڭ كەينىدە ، بىر - بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپلا قېلىشتى.

 دىلارەنى باشقا بىر ئەر  ئوچۇق-ئاشكارا كۆتۈرۈپ  ئېلىپ كەتسىمۇ، خوجايىندا ئازراقمۇ ئىنكاس يوققۇ ؟

 بۇرۇنقى ۋاقىت بولغان بولسا، ئاچچىقىدا چىچاڭشىپ كېتەتتى!

 ئەكبەر قولىنى سوزۇپ چېچىنى قاماللاپ ، پۈتۈن بەدىنى تىت - تىت بولۇشقا باشلىدى.ئۇنىڭغا نىسبەتەن مەخبۇبەنىڭ ئۆزىنى تۈگەشتۈرۋېلىشى چاغلىق ئىش. مۇھىمى دىلارە بايا نېمە دېدى. مەن ھامىلىدار دېدىمۇ؟ ئۇ مەخبۇبەنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن دېدىمۇ ياكى  بۇ راست گەپمۇ؟

كاللىسىدا مۇشۇ سوئال قايتىلىنىپ ئۇنى بەكلا قىينىدى. بەكلا ھەيران قالغاچ ھەم كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمىگەچ ھەتتە پۇتىنىمۇ مىدىرلىتالماي ، گەپمۇ قىلالماي تۇرۇپ قالدى.

 ھەسەن قاتارلىقلار قورقۇپ تىترەپ:

- خوجا... خوجايىن... - دېدى.

بىر ھازادىن كىيىن ئەكبەر غەزەپ بىلەن ئۇلارغا چەكچىيىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.

 قايتىپ بېرىپ ئۇخلىغانچە ئەتىسى چۈشتىن كېيىنگىچە  ئۇخلىغان دىلارە ئەمدىلا ئويغاندى.

 ئىليار ئىزچىل ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ھەمراھ بولدى.

 ئۇنىڭ بۇنداق تەمكىن تاشقى قىياپىتىنىڭ ساختا بولۇشىدىن ئەنسىرەپ قالغانىدى.

مۇشۇنداق ئىشلار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا يۈز بەردى.   بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى دىلارەگە نىسبەتەن ھېچقانچە ئىش بولماسلىقى مۇمكىن ، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى يار بەرمەيدۇ.

 ئۇ ئېغىر ئاياق بولغاچقا ، ئاپىسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىدىن بىر قېتىم چۆچىدى،  ھازىر يەنە بۇ قۇرقۇنۇشلۇق مەنزىرىنى كۆرۈپ قالدى. ھەرقانداق ئادەمنىڭ قىلچە  پەرۋا قىلماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.



 بەلكىم ئۇنى راستتىنلا  تۆۋەن چاغلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

بىراق قايتىپ كېلىپ بىر ئۇخلىغانچە ، قاش قارايغانغىچە ھېچنېمىدىن ئەنسىرمەي ئۇخلىدى.

ئىليار ئۆزىچە ئەنسىرەپ ئۇنىڭدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي ھەمراھ بولدى.  دىلارە كۆزىنى ئېچىپلا ، يېنىدىكى ئىليارنى كۆردى.

 ئىليار ئۇنىڭغا جىمجىت قاراپ تۇراتتى.

 ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ، ئاشكارىلىغان ھەر قانداق كەيپىياتىنى قولدىن بېرىپ قويغۇسى كەلمىگەندەك قىلاتتى.

 دىلارە يېنىچە ئۆرۈلۈپ، ئىليارغا قاراپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى ، ئەمما ئۇنىڭغا تىكىلگەن كۆزلىرىدە سۇس كۈلۈمسىرەش پەيدا بولۇپ:

 ــ خەيرلىك سەھەر ، - دېدى.

 ئاۋازدىن ئەمدىلا ئويغانغاندىكى ئېرىنچەكلىك چىقىپ ، ئۆزى ناھايىتى راھەت ئۇخلىغاندەك قىلاتتى.

 ئىليارنىڭ قاپقارا كۆزلىرى ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ بەدىنىگە يۆتكىلىپ:

- ھازىر سەھەر ئەمەس، - دېدى.

 دىلارەنىڭ چېھرىدىن كۈلكە ئۈزۈلمىدى ، ئورنىدىن سەل - پەل مىدىرلاپ ، ئاستىنقى ئېڭىكىنى ئىليارنىڭ  مۈرىسىگە قويۇپ:

 ـــ ئەمىسە نېمىشقا ھازىرغىچە بۇ يەردە تۇرىسىز ؟ ھۇرۇنلۇق قىلىپ قالدىڭىزمۇ؟ - دېدى.

 ئىليارنىڭ  خاپالىقى  چىرايىغا چىقىپ كەتتى.

 دىلارە ئېغىر ئۇھسىنىپ قويدى.

ئۇنىڭ ئاچچىقىدىن نېمىلا قىلسا قۇتۇلالمايتتى.

 ـــ مەن خاتا قىلدىم ،  - دېدى دىلارە.

ئىليار ئۇنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلماي، بېشىنى ياستۇققا قويۇپ ، ئورنىدىن تۇرۇشقا تەييارلىق قىلدى.

ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، كارىۋاتتا ئولتۇرغاندا ، دىلارەمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا ئورنىدىن تۇرۇپ بېلىدىن قۇچاقلىۋېلىپ:

- بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەت بېرىمەن ،  چوقۇم ياۋاشلىق بىلەن گەپ ئاڭلايمەن ، ئۆيىدە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ كۈتۈنىمەن.ئىش بولسا ئۆزۈم ئوتتۇرىغا چىقماي سىزگە تاشلاپ بىرىمەن راست! بۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىقى!  - دېدى.

ئىليار لېۋىنى چىڭ يۇمدى ،  ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولغاندا، كەينىدىكى دىلارەنىڭ قولى تېخىمۇ چىڭىدى.

 ـــ قويۇۋېتىڭ! - دېدى ئىليار ئېغىز ئېچىپ،  ئاۋازى  ھەم سوغۇق ھەم قوپال ئىدى.

 دىلارە بىردەم جىمىپ قالدى ، ئاخىرى تۇيۇقسىز بېلىنى قويۇۋېتىپ، كەينىگە ئۆرۈلۈپ، يوتقاننىڭ ئىچىگە قايتا كىرىپ يېتىۋېلىپ:

-  كەچۈرمىسىڭىز، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدۇ،  مەن ھازىر ھامىلىدار، ھامىلىدار ئايالنىڭ كۆڭلى يېرىم بولسا بالىغا تەسىر قىلىدۇ، ئۆزىڭىز قاراپ بىر ئىش قىلىڭ!  - دېدى.

دىلارە گېپىنى تۈگەتكەندە كارىۋات يېنىدا ئولتۇرغان ئىليارنىڭ  ئورنىدىن تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدى.

 ئاخىرىدا ھەتتا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.

 گەرچە ئاۋۋال ئىشنى پۈتتۈرۈپ، ئاندىن مەلۇم قىلغان بۇ ئىشى ھەقىقەتەن  ياخشى ئىش بولمىسىمۇ دىلارەنىڭ بۇ قېتىم ھەقىقەتەن كۆڭلى يېرىم بولدى.

 بىراق، ئەرلەر تەرىپىدىن بۇنداق سوغۇق مۇئامىلىگە  ئۇچرىسا، خاتالىق ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ، ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىپ كۆڭلى يېرىم بولدى.

كىم ئۇنى ئايال كىشى، يەنە كېلىپ ھامىلىدار ئايال بولسۇن دەپتۇ؟

قىسقىسى، ئۇنىڭ ھازىر راستتىنلا كۆڭلى يېرىم بولدى.

ئۆينىڭ ئىشىكى يەنە بىر قېتىم ئېچىلدى، دىلارە شەپىنى ئاڭلاپ، يۇمۇلغان كۆزلىرىنى مىدىرلىتىپ، ئاخىرى ئېچىشنى تاللىدى.

ئۇزاق ئۆتمەي، تاماقنىڭ مەززىلىك پۇرىقىنى پۇرىدى.

- ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ تاماق يەڭ. - دېدى ئىليار.

 دىلارە كۈلۈمسىرەپ قويدى، ئەمما مىدىرلىمىدى.

ئىليار ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ، قوپال ئاۋازدا كەسكىنلىك بىلەن:

- دىلارە، سىزنىڭ ھازىر ماڭا ئاچچىقلىنىشقا سالاھىيىتىڭىز توشمايدۇ، ئاچچىقلىنىشقا تېگىشلىك ئادەم مەن ، - دېدى.

-  مەنمۇ ئالدىڭىزدا خاتالىقىمنى تونۇدۇمغۇ!  - دېدى دىلارە.شۇ تاپتا راستتىنلا كۆڭلى يېرىم بولدى.


ئۇنىڭ ئىش ئۇقىدىغان چېچەن تۇرقىغا، ۋە يەنە ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندەك ھالىغا  قاراپ، ئىليارنىڭ غەزىپىنىڭ يېرىمى كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.

  بۇ ئايالنىززە...

 ـــ مەن راستتىنلا خاتا قىلدىم. قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى خاتا، - دېدى دىلارە يەنە.

 ئىليار ئامالسىز قالدى.

 غەلۋە قىلغان بىلەن ئەڭ ئاخىرىغا بارغاندا مۇشۇ نەتىجە چىقتى.

 ئۇ يەنە دىلارەنى نېمە قىلالايتتى؟

- سىز ئەكبەرنىڭ سىزگە باشقىچە نىيىتى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ... - دېدى ئىليار.

 ئەڭ ئاخىرىدا  ئامالسىزلىق ئىچىدە  باشقا بىر ئىش ئۈستىدە ئىككىلىنىپ قالدى.

ئەكبەردىن ئىبارەت بۇ ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقى ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ھەقىقەتەن تەھدىت  كۈچى بار ئىدى.

چۈنكى ئۇ دىلارەنىڭ ئۆتمۈشىگە قاتنىشىپ باقمىغان، بىلمەيدۇ.

ئۆتمۈش ئۇ ئىككىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا قۇرۇق دەپتەرگە ئوخشايدۇ.

ئەمما ئەكبەر  ئوخشىمايدۇ ، دىلارە ئىككىسىنىڭ ئۆتمۈشى ، ئىليارنى ھەۋەس ۋە ئەيمەندۈرۈپ قويالايدۇ.

ئەگەر ھەقىقەت بىر - بىرىنى چۈشىنىدۇ دېيىشكە توغرا كەلسە ، بەلكىم ، ئەكبەر ئىككىيلەننىڭ ئورتاقلىقى كۆپ بولۇشى مۇمكىن ، ئەكبەر دىلارەنى ئۇنىڭدىن كۆپ چوڭقۇر چۈشىنىشى مۇمكىن.

بۇ قېتىمقى ئىشنى ئېلىپ ئېيتساق ، قانداق سەۋەب بولۇشىدىن قەيتئىينەزەر دىلاەنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئىزدىگىنى ، ھەم كاللىسىغا كەلتۈرگەن ئادەمى ئۇ ئەمەس ، بەلكى ئەكبەر بولدى.

ـــ ئۇنىڭ نەدىمۇ  ماڭا بەرگۈدەك كۆپ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن ؟ - دىلارە ئامالسىز قېلىپ ، گەپ ئارىلىقىدا يېنىك كۈلۈپ قويۇپ،  ـــ شۇنچە يىللاردىن بېرى ئۇنىڭ بىرەر ئايالغا قىزىقىپ قالغىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزمۇ ئۇزۇن يىللىق دوستلۇق مۇناسىۋىتى. پەقەت دەماللىققا  مېنىڭ سىز بىلەن توي قىلغىنىمغا كۆنەلمىدى خالاس. - دېدى.

  ساددا ئايالنىڭ گېپىنى قاراڭ.

ئەكبەر  بۇ گەپنى ئاڭلاپ قالسا قانچىلىك ئاچچىقى كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

- ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئىككىمىزنىڭ بالىمىزمۇ بوپبولدى ، ئۇنىڭ بىلەن يەنە نېمە مۇناسىۋىتىم بولاتتى ؟ سىزنىڭچە مەن ئاشۇنداق ھەممە ئادەمنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلەيدىغان ئايالمۇ؟ - دېدى دىلارە.

 ئىليارنىڭ قوشۇمىسى سەل تۈرۈلدى ، دىلارەنىڭ راستتىنلا ھەرقانداق گەپنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەندى.

 ئىليارنىڭ شۇ تاپتا يەنە  گەپ قىلىش ئويىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ ، دىلارە  يەنە:

-  بۇ قېتىم راست خاتا قىلدىم ، كېلەر قېتىم ئۇنداق بولمايدۇ. مېنى كەچۈرۋەتسىڭىز بولامدۇ ؟ ئەگەر مېنى ئەپۇ قىلىۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا  ھازىر تاماق يېسەم بولامدۇ ، قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى... - دېدى.

 ئىليار يەنە نېمە دېيەلەيدۇ.

ئەپۇ قىلىۋەتسىڭىز تاماق يېسە بولامدۇ دېگىنى نېمىسى ؟

بۇ سەۋەب قانداقمۇ ئىككىسىنىڭ ئازارلىشىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەب بولالايدۇ ؟

 بىراق ، بۇ ئايال بەك ئەقىللىككەن.

ئىليار تەبىئىي ھالدا ئۇنى تاماق يېگىلى قويمايدىغان ئىشنى قىلمايدۇ.

 پەقەت ئۇنىڭ تاماق يېيىشىگە قوشۇلسىلا،  شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئۇنى ئەپۇ قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ قالامدۇ؟

 قارا ئەقىللىكلىكىنى! تاماقنى ئەسلىدىمۇ يېمىسە بولمايدىغان تۇرسا...

يەنىلا قايتىدىن ئىسسىتىپ يەيدىغان بولدى.

ئىليار ئۇنىڭ يېگىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.

بولمىسا راستتىنلا ئۇنى ئاچ قويغىلى بولامتى ؟

  بۇ قېتىملىق تېركىىشتە ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا دىلارە يەڭدى.

يەنە كېلىپ كەيپىياتى ياخشى بولغاچقا، كۆپرەك يېدى.

ئەمما ئىليارنىڭ كۆڭلى سەل بىئارام بولۇپ قالدى.

 بىراق ئەڭ ئاخىرىدا دىلارەنىڭ ئىشتىھا بىلەن يېگەنلىكىنى كۆرۈپ،  قانداق قىلسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى.

 ئامالسىز قوشۇمىسىنى چىداپ، پەسكويغا چۈشتى.

دىلارەنىڭ ئالدىدا ئۇ ھەقىقەتەن بىرەر ئىش قىلىشقا ئامالسىز.

تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ، دىلارە يان تېلېفونىنى قولىغا ئالغاندا، ئەكبەردىن كەلگەن ئۇچۇر بارلىقىنى كۆردى.

 ئۇ ئوغرىلىقچە ئىليارغا قاراپ قويۇپ ، ئۇچۇرنى ئاچتى.

-بۇ قېتىم ئىليار دېگەن سولتەكنىڭ قىلغانلىرىغا قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى ، سىزنىڭ يۈزىڭىزنى قىلىپ ئۇنى بوش قويۇۋېتەلمەيمەن، بولدى ، ياخشى بىر ئۇخلىۋېلىڭ- دەپ ئۇچۇر قالدۇرۇپتۇ.

 دىلارە نېمە دېيىشىنى بىلەلمىدى.

ئەكبەر  يەنە نېمە قىلماقچىدۇ ؟

- ياخشى يەپ-ئىچكەن بولسىڭىز ، قايتىپ كېتىڭ. بۇ يەردە سىز ئەسلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلمەيسىز. - دېدى دىلارە.

-  ئۇخلىمىدىڭىزمۇ ؟ مەندىن ئەنسىرەۋاتامسىز ؟ خاتىرجەم بولۇڭ ، ماڭا ھېچ ئىش بولمايدۇ. ئۇ سولتەكنىڭ ھەقىقەتەن تايىقى كەمكەن ، ئۇ مىنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمىدى. بۇ ئۆچۈمنى ئالمىسام ئەر كىشىگە ئوخشىماي قالىمەن! - دېدى ئەكبەر.

- ئەزىمەتنىڭ ئىنتىقام ئېلىشىغا ئون يىل كەتسىمۇ كېچىكمەيدۇ ، -  دېدى دىلارە.

-  باشقىلار ماڭا چېقىلمىسا مەنمۇ چېقىلمايمەن! - دېدى ئەكبەر.

-  رەقىبلەر تار يولدا ئۇچرىشىپ قالسا ياخشى بولمايدۇ، -  دېدى دىلارە.

- تار يول بولسا نېمە بوپتۇ.  ھازىرلا بارىمەن. - دېدى ئەكبەر.

 ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئېلىپلا ، داچىنىڭ دەرۋازىسى تەرەپتىن يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈردەك ئاۋاز ياڭرىدى:

- سولتەك،  ئىشىكنى ئېچىڭ!

ئىليارنىڭ چىرايى قارىداپ كەتتى ، دىلارەگە بىر قاراپ قويدى، دىلارە ئۈن-تىنسىز يانفوننى يېنىغا قويۇپ قويدى.

-     يامان بولسىڭىز ئىشىكنى ئېچىڭ!  ...  بېشىڭىزنى ئىچىڭىزگە تىقىپ يېتىۋالماڭ، سىزنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن.سىزدىن سورايدىغنىم با.. ھۇ سولتەك - دېدى ئەكبەر.


 دىلارە تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ قويۇپ، ھەقىقەتەن داۋاملىق ئاڭلاپ  ئولتۇرۇپ بولالمىدى.

 ئەكبەردىن ئىبارەت غەيرى مىجەزلىك ئادەمنىڭ مەڭگۈ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى، نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.

- ئىشىكنى ئېچىڭلار ، ئىشىكنى ئېچىڭلار ، -  دېدى ئەكبەر يەنە .

بۇنداق ھەددىدىن ئاشقان ئەكبەرنىڭ ئالدىدا ، ئەكرەممۇ ئوڭايسىزلىنىپ قالدى.

-  ئەكبەر ئەپەندى ، بوشراق گەپ قىلىڭ. دىلارە خانىم ئارام ئېلىۋاتىدۇ.  - دېدى.

 - نېمىنى ئارام ئالىدۇ؟ ئاكاڭ قارىغاي تېخى بايىلا ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللىدىم. - دېدى ئەكبەر.

 ئىليارنىڭ كۆزى شۇ ھامان دىلارەگە تىكىلدى.

دىلارە كاللىسى ئىشلىمەيدىغان سەپدىشى ئەكبەرنى يوشۇرۇنچە تىللاپ ، بىر تەرەپتىن ئىليارغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

 ـــ ئۇ سىز بىلەن ھېسابلىشىمەن دەيدۇ. مەن ئۇنى ھاياجانلانماڭ دېدىم ، ئىشەنمىسىڭىز قاراڭ، ــ دەپ يانفونىنى ئىليارغا ئۇزاتتى.

ئىليار ئەلۋەتتە  راستتىنلا ئۇنىڭ ئالدىدا تېلېفونىنى قولىغا ئېلىپ تەكشۈرۈپ يۈرمەيدۇ.

قاپىقىنى تۈرگەن پېتى  سىرتقا چىقىپ كەتتى.


  

  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章