مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز34-قىسىم - ئۇنىڭدىن زېرىكتىمۇ

文摘   小说   2024-07-26 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق 46-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726


333231






 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

34-قىسىم

 


34-قىسىم


شۇنچە تېزلا ئۇنىڭدىن زېرىكتىمۇ؟ !


لۈكچەك!

بالدۇر بىلگەن بولسا، تۈنۈگۈن كەچتە قىزىپ قىرىققا چىقىپ كەتسىمۇ كارى بولمايتتى.

 - مەن...  بىردەمدىن كېيىن يەنە ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق دەرسىم بار. - دېدى زىلالە   ئۇنىڭدىن ئازراق ئارىلىق ساقلاشقا تىرىشىپ، -  باشقا ... باشقا كۈنى بولسا بولامدۇ؟ - دېدى.

جەسۇر قولىنى قويۇۋەتتى، زىلالە  چوڭ كەچۈرۈمنى قوبۇل قىلىپ، ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ، يان تېلېفوننى ئېلىپ، يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كەتتى.

كارىۋاتتا يېتىپ، ئۇنىڭ ھودۇققان ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىغان جەسۇر كۈلۈپ قويدى.

ئۇنىڭ بۇ ئوماق ئايالى ھەقىقەتەن سۆيۈملۈك!

ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرگەن زىلالە مۇنچىغا كىرىپ يۇيۇنۇپ، سىرتقا چىققاندا كىيىدىغان بىر قۇر كىيىمنى كىيگەندىن كېيىن، يۈرىكىنىڭ قاتتىق سوقۇشى، ئاخىرى نورمال رىتىمغا قايتتى.

خىزمەتكار ھەدەشنىڭ يېقىندا يۇرتىدا  ئىش چىقىپ قېلىپ رۇخسەت سوراپ كەلمىدى.

زىلالە ئاشخانىغا كىرىپ، ئىككى قاپ سۈتنى ئېلىپ، جەسۇرنىڭ  ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئويلاپ، يەنە بىر قاپنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويدى.

 تېلېفوننى ئېلىپ، توردىكى دەرسلىك بويىچە گۈرۈچ بىلەن سۇنى قازانغا قۇيدى.

پىشقان ئاق شوۋىگۈرۈچنى ئۈستەلگە ئېلىپ چىققاندا، جەسۇرمۇ  ياتاق ئۆيدىن چىقتى.

 رەتلىك كىيىنگەن بولۇپ، ئۇنى كۆرۈپ مېھمانخانىنىڭ يەنە بىر بېشىدا توختاپ:

  -   ئۆيدە ماسكا بارمۇ؟ - دەپ سورىدى.

  -  بار، مەن ئېلىپ بېرەي. - دېدى زىلالە.

ئالدىراش  ھۇجرىسىغا قايتىپ، بىر بولاق ماسكا ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇندى.

كىچىكىدىن تېنى ئاجىز بولغاچقا، كۈز ۋە قىش پەسلىدە، دائىم زىيادە سەزگۈرلۈكى ئېشىپ ، يۆتىلىپ قالاتتى، شۇڭا، ماسكىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرەتتى.

جەسۇر ماسكىنى ئېلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن تاقاپ، تاماق ئۈستىلىگە كېلىپ ئولتۇردى.

ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، نەزىرىنى قاچىدىكى شۈۋىگۈرۈچكە تىكىپ، ئاندىن زىلالەغا قاراپ:

  -   سىز قايناتتىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.

 ھاياتىدا تۇنجى قېتىم دەرسلىككە قاراپ ئەتكەن بولغاچقا، سۇ بىلەن گۈرۈچنىڭ نىسبىتىنى ياخشى ئىگىلىيەلمىگەنىدى.

گۈرۈچنى كۆپ سېلىۋەتكەچكە، شۈۋىگۈرۈچ گاڭپەنگە ئايلىنىپ قالدى.

- توردىن ئۆگەنگەن... - دېدى  زىلالە كىرپىكىنى ساڭگىلىتىپ،   -  سەت بولدى، گۈرۈچنى كۆپ سېلىۋېتىپتىمەن، بولمىسا... بىر ئىستاكان سۈت ئىسسىتىپ بېرەيمۇ؟ - دېدى. 

  -    ھاجىتى يوق. - دېدى جەسۇر ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ،   -  سىزنىڭ يەنە دەرسىڭىز بار ئەمەسمىتى، تامىقىڭىزنى يېمەمسىز؟ -  دېدى. 

ۋاقىت قىستاپ قالغاچقا، زىلالە جەسۇرغا پەرۋا قىلمىدى.

ئۇ ناشتىلىقىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان شۈۋىگۈرۈچنى ئاشخانىغا ئېلىپ كىرىپ، ئاغزىنى يېپىپ توڭلاتقۇغا سېلىپ، كەچلىك تاماقتا يېۋېتىشنى ئويلىدى.

ئۆزى پۇل تېپىپ ئۆزىنى باققاندىن كېيىن، ئۇن-گۈرۈچنىڭ قىممەت ئىكەنلىكىنى بىلدى، بىر قاچا شوۋىگۈرۈچ بولسىمۇ،  ئىسراپ قىلىشقا كۆزى قىيمىدى.

قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇشقا ئۈلگۈرمەي، يۇيۇش كۆلچىكىگە سېلىپ قويۇپ، ئىسكىرىپكىنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىن چىقىشتىن بۇرۇن يەنە تېخى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالماي:

  -   دورىنى ئۈستەلگە قويۇپ قويدۇم، يېيىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، مىقدارىنى قۇتىغا يېزىپ قويدۇم، ۋاقتىڭىز بولسا ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ،  يۇقۇملۇق زۇكام بولۇپ قالغان  - قالمىغانلىقىڭىزنى ئېنىقلىۋېتىڭ، - دېدى. 

جەسۇر كارىدورغا تەڭ چىقىپ، پەلتونى ئۇنىڭغا سۇندى.

ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى چېكىسىگە قويۇپ،  ھەربىيچە سالام بېرىپ:

  -   بولىدۇ، خوتۇن! - دېدى. 

زىلالە ئۇنىڭغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن،  ئالدىراپ-تېنەپ پەلتوسىنى يېپىنچاقلاپ زالنىڭ ئىشىكىدىن چىقتى.

زىلالە قايتىدىن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە،   كەچ بولۇپ بولغان ئىدى.

 ئۆيگە كىرىپ جەسۇرنى كۆرمىدى، ئۈستەلدىكى دورىمۇ يوق.

ئۇنىڭ دورىنى ئېلىۋالغانلىقىنى بىلىپ، سەل خاتىرجەم بولدى.

ئىسكىرىپكىنى  قويۇپ، ئاشخانىغا كىرىپ توڭلاتقۇنى ئاچتى.

بىراق، توڭلاتقۇنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپمۇ، ئېشىپ قالغان شۈۋىگۈرۈچنى تاپالمىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە شۈۋىگۈرۈچلا ئەمەس.  توڭلاتقۇغا سېلىپ قويغان ئاشۇ تەييار تاماق، ئىشكاپتىكى تەييار چۆپمۇ يوق تۇراتتى.

زىلالە تېلېفوننى ئېلىپ، جەسۇرنىڭ تېلېفونىنى تېپىپ تېلېفون قىلىپ:

  -  توڭلاتقۇغا سېلىپ قويغان تەييار تاماق، تەييار چۆپنى كۆردىڭىزمۇ؟  - دەپ سورىدى.

جەسۇر بىر نەچچە قېتىم يۆتىلىپ:

   -  تاشلىۋەتتىم. - دېدى.

ئۇنىڭ يۆتىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئەسلىدە ئازراق ئەنسىرىگەنتى، كېيىنكى يېرىم جۈملىنى ئاڭلاپ،  بىردىنلا ئاچچىقى كەلدى.

ئۆيدىكى خىزمەتكار ئايال ئىش چىقىپ قېلىپ رۇخسەت سوراپ يۇرتىغا قايتتى، زىلالە ئۆزى تاماق ئېتەلمەيدۇ، سىرتتىن تاماق بۇيرۇتسا بەك قىممەت ، شۇڭا  ئالايىتەن تاللا بازىرىدىن بىر ھەپتىلىك تامىقىنى زاپاس ئەپكىرىۋالغانىدى.  نەچچە يۈز يۈەن خەجلىگەن تېخى.

 ئويلىمىغان يەردىن تاشلىۋېتىپتۇ!

 - سىز ... بەك ئاشۇرۇۋەتتىڭىز!- دېدى زىلالە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، -  نەچچە يۈز يۈەن سىزگە نىسبەتەن ھېچقانچە ئىش ئەمەس، ئەمما  مەن بىر سائەت جاپا تارتىپ ئاران تاپىمەن،  - دېدى.

تېلېفوننى قويۇۋېتىپ،  تېلېفوننى كىرېسلوغا تاشلىدى.

تېلېفون  يەنە  سايرىدى، جەسۇرنىڭ نومۇرىنى كۆرۈپ، زىلالە ئاچچىقىدا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

كارىدوردا، ئىشىك قوڭغۇرىقى تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى.

 زىلالە  جەسۇرنى قايتىپ كەلدى دەپ قاراپ، كارىدورغا بېرىپ سۆزلىشىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ:

  -   كارتا سۈركەشنى بىلمەمسىز! - دېدى. 

ئىشىك قوڭغۇرىقىنىڭ ئېكرانىدىكى تاماق توشۇغۇچى يىگىت نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەي:

  -  سىز زىلالە  خانقىزغۇ دەيمەن، بۇيرۇتقان تامىقىڭىزنى ئېلىپ كەلدىم، - دېدى.

  -  كەچۈرۈڭ!   - زىلالە كەچۈرۈم سوراش بىلەن بىللە ئىشىك قۇلۇپىنى ئاچتى.

بىردەمدىن كېيىن، تاماق توشۇغۇچى يىگىت چىقىپ، تاماق  خالتىسىنى  يەتكۈزۈپ بەردى.

زىلالە  تاماق بۇيرۇتۇش تالونىغا ئۆزىنىڭ ئىسمى يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ گۇمانلىنىپ قالدى.

ئۇ سىرتتىن تاماق زاكاز قىلىپ باقمىغان، كىم ئۇنىڭغا زاكاز قىلىپ بەرگەندۇ؟

ئۇ بايا جەسۇرنىڭ تېلېفون قويۇۋەتتى،جەسۇرنىڭ تاماق بۇيرۇتۇپ بېرىشى مۇمكىن ئەمەس، چوقۇم زۆھرە.

ياخشى دوستىنى ئويلاپ،  كۆڭلى ئىللىپ قالدى.

ئۇ تاماق قاچىسىنى ئېچىپ ئۈستەلگە قويۇپ، تاماقنى يىگەچ، يان تېلېفونىنى ئېلىپ زۆھرەگە   ئۇچۇر يوللىدى.

[ ئالقىشلىق ئادۋوكات ئەۋەتكەن تامىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت. ] دېدى.

زۆھرە جاۋاب قايتۇرمىدى.

يېقىندا ئۇ پىراكتىكانت ئادۋوكاتلىقنى باھالاشقا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ھەر كۈنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ يەنە تەكرار قىلىدۇ، زىلالە ئۇنىڭ ئالدىراشلىقىنى پەرەز قىلىپ، ئاۋارە قىلمىدى.

ئۇ ئېشىپ قالغان تاماقلارنى توڭلاتقۇغا سېلىپ، مېھمانخانىغا قايتىپ كېلىپ ئۈستەل يېنىدا ئولتۇردى، ئاندىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش  ئەسەرىنىڭ ئاخىرىنى يازدى.

يېزىۋېتىپ، تۇيۇقسىز بىر ئىش ئېسىگە كېلىپ قالدى.

زۆھرە ئۇنىڭ بۇ يەردە تۇرىدىغانلىقىنى قانداق بىلگەندۇ؟

ئەجەبا... جەسۇر ئۇنىڭغا دەپ بەرگەنمىدۇ؟

شۇ كۈنى كەچتە، جەسۇر يېرىم كېچىگىچە ئۆيگە قايتمىدى.

زىلالە تېلېفوننى قويۇۋەتكەنلىكىمدىن خاپا بولدى دەپ پەرەز قىلدى.

كارىۋاتتا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمىغان زىلالە يان تېلېفونىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سوراپ باقماقچى بولدى.

تېلېفون دەپتىرىنى ئېچىپ، جەسۇرنىڭ نومۇرىغا قاراپ، لېۋىنى چىشلەپ،  يەنە توختاپ قالدى.

بۇ جەسۇرنىڭ ئۆيى  ھەم ئۆزى  ئۇنىڭ توختاملىق ئايالى بولغان تەقدىردىمۇ،  نەرسىلىرىنى خالىغانچە تاشلىۋەتمەسلىكى، ھېچ بولمىغاندا  ئازراق ھۆرمەتلىشى كېرەك.

يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە،  ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتىدۇ.

ئۈچ ئوقۇغۇچىنىڭ ئالتە سائەتلىك دەرسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ ئۆيگە بارغۇچە يولدا چېپىپ يۈرگەن ۋاقتى، چۈشتىن كېيىن  دوختۇرخانىغا بېرىپ دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەچلىك تاماق يەپ قايتىپ كەلگەندە، سائەت توققۇزدىن ئاشقان ئىدى.

بىنانىڭ سىرتىدا، ماسكا تاقىۋالغان ئەنۋەر قولىدا قەغەز خالتىنى كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

زىلالەنى كۆرگەن ئەنۋەر كۈلۈپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ:

  -  بايا تاماق يەتكۈزگۈچى  تاماقنى ئەكەلگەن، ئۆيدە يوق ئىكەنسىز، ئورنىڭىزدا ئېلىپ قويدۇم، - دېدى. 

زىلالە رەھمەت ئېيتىپ، تاماق يەتكۈزۈش خالتىسىنى ئېلىپ، زاكاسقا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى، زاكاز تالۇنىدا يەنىلا ئۇنىڭ ئىسمى تۇراتتى.

 زۆھرە، ئۇنى مېھمان قىلىشقا خۇمار بولۇپ قالدىمۇ؟

ئەنۋەر  لىفىتقا بىللە چىققاندا زىلالە گۇمانلىنىپ:

   -  ئەنۋەر ياردەمچى، بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟ - دەپ سورىدى.

  -  جەسۇر دىرېكتور مېنى ئالماشتۇرىدىغان كىيىمىدىن بىر نەچچە قۇر كىيىم ئېلىپ كېلىشىمنى ئېيتقان، - دېدى ئەنۋەر. 

- ئۇ كاماندىروپكىغا چىقامدۇ؟  - دەپ سورىدى زىلالە.

  -  ياق، جەسۇر دىرېكتورنىڭ بىر نەچچە كۈنلۈك ئىشى چىقىپ قالدى، قايتىپ كېلىپ تۇرمايدىغان بولدى، - دېدى ئەنۋەر. 

لېفىت ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىققاندا، زىلالە ئۇنى باشلاپ چوڭ ياتاق ئۆيگە كىرىپ، كىيىم قويۇش ئۆيىنى ئاچتى.

ئەنۋەر  جازا ئۈستىدىكى پاكىز كۆڭلەك ۋە كاستۇم-بۇرۇلكا، ئۇخلاش كىيىملىرىنى يىغىشتۇرۇپ چامادانغا بىر-بىرلەپ سالدى.

زىلالە  يەنىلا سەل ئەنسىرەپ:

  -  ئۇنىڭ سالامەتلىكى قانداقراق؟  - دەپ سورىدى.

 ئەنۋەر نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇۋېتىپ، سەل تۇرۇپ قېلىپ:

 -   ناھايىتى ياخشى. - دېدى. 

زىلالەمۇ قايتا سورىمىدى.

ئەنۋەر نەرسە - كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، زىلالە ئۇنى ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزىتىپ قويدى.

قايتىپ كىرىپ كۆزى چوڭ ياتاق ئۆينىڭ ئوچۇق ئىشىكىگە چۈشتى، نېمىلەرنىدۇر ئويلاپ بۇرۇلۇپ ئاشخانىغا كىردى.

سىرتتىن ئېلىپ كەلگەن تاماق ناھايىتى مول بولۇپ، ھەممىسى ئۇ ئادەتتە ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاماقلار بولسىمۇ،  ئازراقمۇ ئىشتىھاسى يوق ئىدى.

ئەنۋەرنى  ئالاھىدە  ئەۋەتىپ كىيىملىرىنى ئېلىپ كەتتى.

جەسۇرنىڭ بۇ نېمە قىلغىنى؟

ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇپلا قالماي، ھەتتا ئۇنىڭغا قارىغۇسىمۇ كەلمەي قالدىمۇ؟

 تېلېفونىنى قويۇۋەتكىنىگە مۇشۇنداق قىلىپ كېتەمدۇ؟

زىلالە ئۆزىنى مەسخىرە قىلغاندەك كۈلۈپ قويدى.

شۇنچە تېزلا ئۇنىڭ بىلەن ئەر-خوتۇن بولۇش ئويۇنى ئويناشتىن زېرىكتىمۇ؟

ياكى بولمىسا،  ئۆزىنىڭ نوپۇزىغا جەڭ ئېلان قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى  بىلدۈرۈپ قويماقچى بولدىمۇ؟


 

..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章