كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
12 | 11 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
13-قىسىم
13-قىسىم
قارىغاندا، رازى بولغاندەك قىلىسىز.
ئىككىنچى كۈنى.
زىلالە ئوركېستىر بىلەن بىللە ئەتىگەنلىك رېپېتىتسىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، جەسۇر ئۇنىڭغا بەرگەن ئادرېس بويىچە مېتروغا ئولتۇرۇپ پۇل-مۇئامىلە بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلدى.
جەسۇرنىڭ ياردەمچىسى ئەنۋەر بىرىنچى قەۋەتتە ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى.
زىلالەنى كۆرگەن ئەنۋەر كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئالدىغا كېلىپ، ھۆرمەت بىلەن:
- دىرېكتور ئۈستۈنكى قەۋەتتە يىغىن ئېچىۋاتىدۇ، مەن سىزنى باشلاپ باراي! - دېدى.
زىلالە رەھمەت ئېيتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە لىفىتقا چىقتى.
ئىككىيلەن بىرلىكتە ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتى، ئەنۋەر جەسۇرنىڭ يىغىننى تېخى ئېچىپ بولالمىغانلىقىنى بىلىپ، زىلالەنى ئېلىپ شىركەتنى ئايلاندۇرۇپ، شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.
جەسۇرنىڭ ئىجارىگە ئالغىنى پۇل مۇئامىلە بىناسىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى ئىككى قەۋەت ئىدى.
بۇ يەردىكى شىركەت ئەمدىلا ئىش باشلىغان بولۇپ، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تېخى تاماملانمىغان بولغاچقا، شىركەتتىكى ئىشخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا بوش .شۇڭا، ناھايىتى جىمجىت كۆرۈنەتتى.
- ئۇ تەرەپتىكىسى يىغىن زالى، جەسۇر دىرېكتورنىڭ يىغىنى ئاخىرلىشىپمۇ قالدى، - دېدى ئەنۋەر.
زىلالە ئەنۋەر كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدى، ئەينەكتىن جەسۇرنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
جەسۇر ئۇچىسىغا كۈل رەڭ كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، يىغىن ئۈستىلىنىڭ ئاساسىي ئورنىدا ئولتۇراتتى.
بارماقلىرى بىلەن ھۆججەتنى تۇتۇپ، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاۋاتاتتى.
بەزىدە بېشىنى لىڭشىتىپ، بەزىدە بىر نەچچە ئېغىز گەپ سوراپمۇ قوياتتى.
ئۇنىڭ كېلىشكەن چىرايىدىن سوغۇققانلىق بالقىپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى كاتتا شەخسلىق سالاپىتى چىقىپ تۇراتتى.
زىلالە خىزمەت ھالىتىدىكى جەسۇرنى ھەر قانچە قىلىپمۇ ھېلىقى ھەمىشە ئۇنىڭغا پوخۇرلۇق قىلىدىغان لۈكچەككە ئوخشىتالمىدى.
ئەينەكتىن زىلالەنى كۆرگەن جەسۇر ھۆججەتنى قويۇپ:
- بولىدۇ، ھەممە ئىش پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلسۇن، يىغىن ئاخىرلاشتى، ئادۋوكات، سىز قېپقېلىڭ! - دېدى.
ھەر ساھەدىكى سەرخىللار ئورنىدىن تۇرۇپ، كومپيۇتېر، خاتىرىلىرىنى قۇچاقلاپ يىغىن زالىدىن چىقىپ، ناھايىتى تېزلا ئوخشىمىغان ئىشخانىلارغا كىرىپ كېتىشتى.
يىغىن زالىدا جەسۇر بىلەن ئادۋۇكاتلا قالدى.
ئەنۋەر ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئاچتى، جەسۇر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ زىلالەنى كۈتۈۋالدى، ئالىقىنىنى سوزۇپ ئۇنىڭ ئىنچىكە بېلىدىن تۇتۇپ، يېقىنچىلىق بىلەن يېنىغا تارتىپ:
- بۇياق ئايالىم زىلالە، بۇياق شۆھرەت ئادۋوكات، شىركەتنىڭ قانۇن ئىشلىرى خادىمى. - دېدى.
- زىلالە خانىم ياخشىمۇ سىز.- دېدى شۆھرەت ئادۋوكات ھۆرمەت بىلەن.
زىلالە ئۆزىنى تەمكىن كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ، شۆھرەت ئادۋوكات بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، جەسۇر تارتىپ قويغان ئورۇندۇقتا ئولتۇردى.
شۆھرەت ئادۋوكات پاي ھوقۇقى كېلىشىمىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئەستايىدىللىق بىلەن ئاچتى.
يېزىلغان ماددىلارنىڭ ھەممىسى جەسۇر بىلەن پۈتۈشكەن مەزمۇن ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندە، زىلالە ھۆججەتنىڭ ئاخىرىغا ئۆزىنىڭ ئىمزاسىنى قويدى.
ئاندىن سومكىسىنى ئېچىپ، پاي ھوقۇقى ھۆججىتى قاچىلانغان كونۋېرتنى چىقىرىپ جەسۇرغا سۇندى.
جەسۇر كونۋېرتنى ئېلىپ، ئىچىدىكى ھۆججەتنى ئالدى.
ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىنى كۆرۈپ، قاش-قاپىقى سەل-پەل تۈرۈلدى.
زىلالە ئۇنىڭ چىرايىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، يېنىچە كېلىپ، ھۆججەت مەزمۇنىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ ھۆججەت خالتىسىنى خاتا ئېلىۋالغانلىقىنى بايقىدى.
جەسۇرغا پاي ھوقۇقى ھۆججىتىنى ئەمەس، بەلكى ساز دۇكىنى بىلەن ئىمزالىغان ئىسكىرىپكا سېتىش توختامىنى بەرگەنىدى.
تۈنۈگۈن كەچتە يۈز بەرگەن ئىشتىن كېيىن، زىلالە بۇ ھۆججەتلەرنى ياتاققا قويۇپ قويسا، نىگارەنىڭ بۇزۇۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ، بىللە ئېلىۋالغانىدى.
ئىككى پارچە ھۆججەت ئوخشاش ھۆججەت خالتىسىغا قاچىلانغان بولغاچقا، ئېھتىياتسىزلىقتىن ئالماشتۇرۇپ قويۇپتۇ.
- كەچۈرۈڭ، بۇ ئەمەسكەن، - دېدى زىلالە.
زىلالە توختامنى جەسۇرنىڭ قولىدىن قايتۇرۇپ ئېلىپ، پاي ھوقۇقى ھۆججىتى قاچىلانغان ھۆججەت خالتىسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى.
جەسۇر ھۆججەتنى شۆھرەت ئادۋوكاتقا سۇندى، ئادۋوكات ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، بېشىنى لىڭشىتىپ:
- مەسىلە يوق. - دېدى.
- بولىدۇ، قالغىنىنى سىز بىر تەرەپ قىلىڭ. - دېدى جەسۇر ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ، شۆھرەت ئادۋوكات ئىككىيلەنگە قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ كېتىپ قالدى.
يان تەرەپتىن قارىغان جەسۇر زىلالەنىڭ ئىسكىرىپكا سېتىش توختامىنى سومكىغا سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چىرايلىق قاشلىرى سەل-پەل تۈرۈلدى.
زىلالە سومكىسىنى كۆتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ:
- ئەمدى باشقا ئىش بولمىسا، مەكتەپكە قايتاي، - دېدى.
جەسۇر ئۇنىڭ سومكىسىنى قولىغا ئېلىپ:
- مەن بىلەن ئىشخانىغا كىرىڭ، - دېدى.
زىلالە ئۇنىڭ يەنە نېمە ئىشى بارلىقىنى بىلمەي، ياۋاشلىق بىلەن كەينىدىن ئەگىشىپ ئىشخانىسىغا كىردى.
ئىشخانا بوشلۇقى چوڭ، بېزەش ئۇسلۇبى ئاددىي ئەمما ھەشەمەتلىكىنى يوقاتمىغانىدى.
بۇ يەنجىڭدىكى ئەڭ ئېگىز بىنا بولۇپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ مەنزىرىسىنى تولۇق كۆرگىلى بولاتتى.
پۈتۈن دېرىزىدىن شەھەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشنى كۆرگىلى بولاتتى.
دېرىزە ئالدىدا تۇرغان جەسۇرنىڭ پۈتۈن بەدىنى قۇياش نۇرىغا چۆمگەن بولۇپ، كۆزنى قاماشتۇراتتى.
- بۇ ياققا كېلىڭ. - دېدى جەسۇر تۇيۇقسىز ئېغىز ئېچىپ.
زىلالە بېرىپ، ئۇنىڭ يېنىدا تۇردى.
جەسۇر ئۇنىڭ بېلىنى تۇتۇپ ئاستا ئىتتىرىپ، دېرىزە ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ:
- كۆردىڭىزمۇ؟ - دېدى.
زىلالە دېرىزە سىرتىدىكى مەنزىرىگە تىكىلىپ قاراپ، ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنمەي:
- نېمىنى؟ - دەپ سورىدى.
جەسۇر سول قولىنى زىلالەنىڭ يېنىدىكى ئەينەك دېرىزىگە ، ئېڭىكىنى زىلالەنىڭ مۈرىسىگە قويدى.
ئوڭ قولىنى سوزۇپ، زىلالەنىڭ يۈزىنى تۇتۇپ، ئازراق بۇرىدى.
زىلالە بۇ قېتىم كۆردى.
ئالدى تەرەپ قىيپاش ئۇدۇلىدا ئىككى كوچا نېرىسىدا
شەكلى چىرايلىق بىر ئىمارەت بار بولۇپ، بۇ بىنانى ئاكىسى ئۆمەر ئۆز قولى بىلەن لايىھەلىگەن، تيەننىڭ گۇرۇھى جايلاشقان جاي - يەنە كېلىپ، ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىنا.
جەسۇر ئوڭ قولىنى سىيرىلىپ چۈشۈرۈپ، بېلىدىن قۇچاقلاپ:
- پىلانىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندا، مەن قەيسەرنى ئۇ بىنادىن قوغلاپ چىقىرىمەن! - دېدى.
زىلالە كەينىگە بۇرۇلۇپ، كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ:
- رەھمەت. - دېدى.
جەسۇر بىلىكىنى ئىگىپ، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، يېقىنلاپ كەلدى.
يۈزىگە يېقىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن تەگكۈزمىدى.
تۆت كۆز بىر-بىرىگە قارىشىپ، نەپەسلىرى گىرەلەشتى.
زىلالەنىڭ يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، لىۋى ئىختىيارسىز ئازراق قۇرغاندەك ھېس قىلدى.
ئۇنىڭغا قاراشقا بەرداشلىق بېرەلمەي، كىرپىكىنى ساڭگىلىتىپ، جىددىيلىشىپ نەگە قاراشنىمۇ بىلەلمەي قالدى.
- كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ. - دېدى جەسۇر ئاستا پىچىرلاپ.
نېمە قىلىشىنى بىلمىگەن قىزچاق گەپنى ئاڭلاپ كۆزىنى يۇمدى.
يېقىنلاپ كەلگەن جەسۇر ئۇنىڭ لېۋىگە سۆيۈۋالدى.
كۆزى يۇمۇلغان بولغاچقا، نېرۋىسى بارغانسېرى سەزگۈرلىشىپ، پۈتۈن بەدىنى قېتىپلا قالدى.
ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشىمايدىغان يېرى، ھەددىدىن ئاشمىغان جەسۇر بۇ قېتىم ناھايىتى سەۋرچان، مۇلايىم بولدى.
زىلالەنىڭ جىددىيلەشكەن نېرۋىسى ئاستا-ئاستا بوشىشىپ، پۇتى ماغدۇرسىزلاندى.
ئىلگىرى قەيسەر بىلەن مۇھەببەتلەشكەندە، ئۇنىڭ بىلەن بۇنداق يېقىنلىشىشنى رەت قىلاتتى.
ئۆزى خالىمايدۇ ئەمەس، راستتىنلا قىلالمايتتى.
ياش ۋاقتىدىكى كۆڭۈلسىز كەچۈرمىشلەر ئۇنى ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنچىلىقنى سەل چەتكە قاقىدىغان قىلىپ قويغان.
بۇ زىلالەنىڭ تۇنجى قېتىم قۇرامىغا يەتكەن ئەر-ئاياللارنىڭ ھەۋىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشى.
بۇ خىل سۆيۈشتىن بىزار بولمىدى.
تاكى جەسۇر ئۇنى قويۇۋەتكىچە، قولى يەنىلا جەسۇرنىڭ مۈرىسىدە تۇردى.
بېلىدىن قۇچاقلاپ تۇرغان جەسۇر پىچىرلاپ:
- قارىغاندا، بۇ سۆيۈشتىن رازى بولغان ئوخشايسىز، - دېدى.
زىلالەنىڭ يۈزى خىجىللىقتىن كۆيگەندەك قىزىپ كەتتى.
ئالاقزادىلىك ئىچىدە قولىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنى ئىتتىرىۋەتمەكچى بولدى.
جەسۇر ئۇنى قۇچاقلىۋېلىپ قويۇپ بەرمەي، يۈزىنى بوينىغا قويۇپ:
- بىردەم يۆلەنگىلى قويۇڭ، - دېدى.
ئەزەلدىن كۈچلۈك بولۇپ كەلگەن ئەرنىڭ تەلەپپۇزى ناھايىتى يۇمشاقلىشىپ، خۇددى ئەركىلەۋاتقان چوڭ مۈشۈككە ئوخشاش، بىر ئاز جىمجىتلىق پۇرىقى كەلدى.
جەسۇرغا ئوخشاش ئادەملەرنىڭمۇ باش قېتىنچىلىقى بولامدۇ؟
زىلالە جاۋاب تاپالمىدى. بىر ئاز ئىككىلىنىپ، ئاخىرى قولىنى سوزۇپ، بېلىدىن يېنىك قۇچاقلىدى.
جەسۇرنىڭ كۆكرىكى ناھايىتى ئىللىق بولۇپ، بىر خىل غەلىتە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھېس قىلدى.
زىلالە ئاستا-ئاستا بېلىنى بوشىتىپ، بېشىنى ئۇنىڭ مەيدىسىگە يېنىككىنە قويۇپ يۆلەندى.
مۇشۇ كۈنلەردە، نېرۋىسى ئىزچىل جىددىي ھالەتتە تۇرۇپ، ئۆزىمۇ تۈگىشىپلا كەتكەنىدى، مانا ئەمدى چىڭ تارتىلغان ھېلىقى تارىمۇ ئۈزۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالدى.
ئۇنىڭغا يەتكۈدەك ھاردۇق يەتتى، بىر تەسەللى بېرىدىغان قۇچاقلاشقا، بىر مۈرىگە موھتاج بولدى.
بىر جۈپ ئەر - ئايال، بىر-بىرىگە يۆلىنىپ ، خۇددى بىر جۈپ ھەقىقىي ئەر-خوتۇنغا ئوخشاپ قالدى.
تاكى ئەنۋەر ئىشىكنى چەككەندە، ئىككىيلەن بىر-بىرىنى قويۇۋەتتى.
ئەنۋەر چۈشلۈك تاماقنى ئېلىپ كىرىپ، قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇرغان كىچىككىنە ئۈستەلگە تىزدى.
تاماق بىر كىشىلىك ئەمەس، قاچا-قۇچىلارمۇ ئىككى كىشىلىك ئىدى.
ئەتىگەندە كېچىكىپ ئورنىدىن تۇرغان بولغاچقا، زىلالە تېخى ناشتا قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەنىدى.
كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدىغان مەززىلىك تائاملارنى پۇراپ قۇپقۇرۇق قورسىقى ئىككى قېتىم كۇركىراپ كەتتى.
جەسۇر يېنىك كۈلۈپ قويۇپ:
- مەن تېخى سىزنى مېنى يېسىلا بولدى دەپ ئويلاپتىمەن. - دېدى.
بۇنداق خىجالەت بۇسۇغۇسىدىكى گەپلەرنى قىلىشتا زىلالە ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ رەقىبى ئەمەس.
شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي، تاماق قاچىسىنى كۆتۈرۈپ، ئەستايىدىللىق بىلەن تاماق يېدى.
ئىشقىلىپ ئۇنىڭغا ئوخشاش كاتتا باي، بىرەر ۋاق تامىقىنى كەم قىلمايدۇ.
جەسۇرنىڭ ئىشتىھاسى ئادەتتىكىچە بولۇپ، بىر چىشلەم - بىر چىشلەمدىن ئالدىرىماي يېدى.
بىر جۈپ كۆزى زىلالەنىڭ بەدىنىگە چۈشۈپ، سىنچىلاپ قاراپ، بىزەڭلىكتە شىرغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئولجىسىغا قانداق ئېغىز ئېچىشنى ئويلاۋاتاتتى.
ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن پۈتۈن بەدىنى بىئارام بولغان زىلالەنىڭ ئالايغانلىقىنى كۆرگەن جەسۇر:
- چىرايلىق قىزلارغا قاراپ ئولتۇرسىمۇ قورساق تويۇپ قالىدۇ، - دېدى .
ئېگىز تاغدەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قابىلىيەتلىك كىشى ھەش-پەش دېگۈچە ئۇنى مازاق قىلىپ خىجىل قىلىدىغان لۈكچەككە ئايلىنىپ قالدى.
زىلالە قاچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىككى قوشۇق تاماقنى ئاغزىغا سېلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ:
- باشقا ئىش بولمىسا، مەكتەپكە قايتاي، - دېدى.
جەسۇر ئورنىدىن تۇرۇپ، تارتمىنى ئېچىپ، كونۋېرتنى ئېلىپ سۇندى.
زىلالە گۇمانلانغان ھالدا كونۋېرتنى ئېلىپ ئاچتى.
ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرۈپ، تېڭىرقاپ قالدى.
..................................
...........
...
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar