گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 58-قىسىم _ لاھىيە ئوغرىلاش

文摘   小说   2024-07-12 13:59   新疆  


;كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات8-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  59  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251



5756



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات8-بۆلۈم

58-قىسىم


58-قىسىم

دىلارەنىڭ سۆزى دىلنارنىڭ چىرايىنى بىردىنلا تۇتۇلدۇرۇپ قويدى.

 بۇ يوشۇرۇن ئاشكارىلانغان مەنا، ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئىختىيارسىز قارشىلىق پەيدا قىلدى.

- رازى بولدىڭىزمۇ؟  - دېدى دىلنار  بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەنسەرگە قاراپ، - دىلارەگە ھېچ ئىش بولماپتۇ، ئەمدى كەتسىڭىز بولىدىغاندۇ؟ ـ  دېدى.

 ئەنسەر ئۇنىڭغا قاراپ :

- سىزنى ئاپىرىپ قوياي. - دېدى .

 دىلنار كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ:

-  چوقۇم مۇشۇنداق چاپلىشىۋالىسىز شۇنداقمۇ؟  - دېدى.

ئەنسەر ئۇنىڭغا بىر پەس چوڭقۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئاخىر يېنىك ئۇھ تارتىپ قويۇپ، ئاندىن ئېغىز ئېچىپ مۇرەسسە قىلىپ:

- ماقۇل، ئەمىسە ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، مەن ماڭاي. - دېدى.

- ئادەملىرىڭىزنىمۇ بىللە ئېلىپ كېتىڭ! - دېدى دىلنار.

ئەنسەرمۇ چىڭ تۇرۇۋالماي:

- بولىدۇ، - دېدى.

 دىلنار بېشىنى ساڭگىلىتىپ، دىلارەنىڭ   ئالقىنىنى سىيلاپ، قاپاقلىرىنى چىڭ تۈرۈپ ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.

ئەنسەر كارىدوردىكى بىر نەچچە ئادەمگە سۇس قاراپ قويدى، ئۇ كەينىگە بۇرۇلغاندا، بىر نەچچە ئادەممۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.

ئۇلارنىڭ كۆلەڭگىسى يىراقلارغا ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن، دىلارە دىلنارغا قاراپ:

- باشقىلار ھەقسىز ياردەمچى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن بولغاندىكىن ئىشلەتسىڭىز بولمامدۇ، يوقتىن ياخشى ئەمەسمۇ. - دېدى.

- مېنىڭ ھايات-ماماتىم ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز.  - دېدى دىلنار.

دىلارە ئاپىسىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ، بۇ گېپىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دىلنار لېۋىنى چىڭ يۇمۇپ ئۇھسىنىپ تۇرۇپ:

- بولدى! بولدى،  يەنە باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلگەندەك رايىڭىز بارمۇ تېخى؟ -  دېدى.

- ئۇنچىلىك مادارىم يوق، - دېدى دىلارە.

 گەرچە تەكشۈرۈشتە چوڭ مەسىلە چىقمىغان بولسىمۇ، لېكىن تىزىنىڭ يارىسى يەنىلا ئەكرەمنى قۇرقۇنچقا سېلىپ قويدى، بىر كېسەلخانىنى زاكاز قىلىپ، ياخشىراق كۈزىتىپ  باقماقچى بولدى.

خوجايىنى يوق بولسىمۇ، دىلارە خانىمغا بىر ئىش بولۇپ قالسا، قايتىپ كەلگەندە ياخشى گەپ ئاڭلىمايدۇ.

 كېسەلخانا شارائىتى ياخشى بولغاچقا، دىلنار قايتماسلىقنى قارار قىلىپ، كەچتە بىۋاستە دوختۇرخانىدا قېلىپ دىلارەغا ھەمراھ بولدى.

 جىمجىت ئىككى كىشىلىك كېسەلخانا، نۇرغۇن ئىشلارنى پاراڭلىشىشقا بەك ماس كېلىدۇ.

ئەمما ئىككى ئادەم بەزى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردىن باشقا، بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىدىكى ئەڭ بىلمەكچى بولغان ئىشلارنى ئېغىزىدىن چىقارالمىدى.

 ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدا ئارازلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ قويۇشنى خالىمىغانلىقتىن بولدى.

 ئۇلار بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ  قالغان ئاشۇ بىر نەچچە يىلدا، مەقسەتسىز ھالدا بىر-بىرىنىڭ دەردىنى قايتا تاتىلاپ قويۇشتىن قوقاتتى.

- زۇبەيدە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قايتىپ كېتىدىغان بولدى، مەۋلان  ئائىلىسى تەرەپتىن سۈيلەۋاتىدۇ.   ئۇمۇ ھامىلدار بولغاندىكىن، سىرتلاردا بەك ئۇزۇن تۇرۇشقا ھەقىقەتەن ماس كەلمەيدۇ. - دېدى دىلنار.

زۇبەيدە خۇددى دىلنارنىڭ ئىككىنچى قىزىغا ئوخشاش، دىلارە بىلەن دىلنارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇياقتىن-بۇياققا چېپىپ يۈرۈپ،  ئەركىن-ئازادە يۈرۈۋاتقانىدى.

 لېكىن ھەر قانچە ئەركىن بولسىمۇ، يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئۆزى يالغۇز ئەمەس.

 دىلارەنىڭ قاپىقى سەل-پەل تۈرۈلۈپ:

- كىم ئۇنى قايتىپ كېتىشكە ئالدىراتتى؟  - دەپ سورىدى.

- مەۋلاننىڭ مومىسى، - دېدى دىلنار،  - تۈنۈگۈن ئۇ ئۆيگە ئۆزى تېلېفون قىلدى،  تەلەپپۇزىدىن ئاڭلىماققا بەك تىت-تىت بولغاندەك قىلىدۇ. زۇبەيدەنىڭ مەركىزى شەھەرگە قايتىپ كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغاندەك قىلىدۇ، - دېدى دىلنار.

 دىلارەنىڭ يۈرىكى سەل ئېچىشتى، كۆزلىرى قىسىپ، كېسەلخانىنىڭ تورۇسىغا قاراپ:

- زۇبەيدەنىڭ كەلگىنىگىمۇ بىر ئاي بولاي دېدى.  مەۋلاننىڭ ئۆيدىكىلەر  ئەمدى بىلىپتۇ... - دېدى.

 دىلنار  قوشۇمىسىنى يېنىك سۈزۈپ:

- سىز مەۋلان  ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلمايدۇ دېمەكچىمۇ؟  - دەپ سورىدى.

دىلارە بېشىنى چايقاپ:

- مەۋلاننىڭ مومىسى زۇبەيدەنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. زۇبەيدە مەۋلان بىلەن سىرتتىكى ئۆيىدە تۇرىدۇ، ئەگەر يوشۇرماقچى بولسا، تېلېفوندا مەۋلان  ئائىلىسىدىكىلەرنى رەت قىلىشنىڭ ناھايىتى ئاددىي ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ.

 لېكىن زۇبەيدە دېگەن زۇبەيدە،  ئۇ بۇ يەرگە يېنىپ كەلگىلى شۇنچە ئۇزۇن بولدى... مەۋلاننىڭ مومىسى زۇبەيدەنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلگەن بولسا كېرەك.

مەن ئويلايمەن ... زۇبەيدە بۇ يەرگە كېلىۋالغان بۇ بىر ئاي ئىچىدە، مەۋلان ئۆزى يالغۇز ھېلىقى قۇپقۇرۇق ئۆيگە قاراپ، زادى نېمىنى ئويلىغاندۇ... ياكى … - دېدى. ئاۋاز بارا-بارا پەسىيىپ،  چىراي ئىپادىسى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

- ياكى نېمە؟   - دېدى دىلنار.

- ياكى... مەۋلان ئەزەلدىن تويدىن كېيىن تۇتقان ئۆيىگە بېرىپ باقمىغانمىدۇ... - دېدى دىلارە.

 كېسەلخانىدا ئۇزاققىچە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.

 دىلنار تۇيۇقسىز ھەر كۈنى ئويناپ - كۈلۈشىنىلا بىلىدىغان، يەپ-ئىچىپلا يۈرىدىغان زۇبەيدەنىڭ  كۈلكىلىرىنىڭ ئىچىدە قانچىلىك زورلاپ كۈلۈشنىڭ بارلىقىنى ئويلىدى.

 ئاياللار بۇ ئۆمرىدە ئۆز كەسپىگە ئىگە بولۇشتىن باشقا، يەنە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇنىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە ياتلىق بولۇشنى ئويلايدۇ.

كەتكۈزۈپ قويسا ياكى قولدىن بېرىپ قويسا قايتا كەلمەيدۇ...

 شۇڭا، ئۆز ئارا ياخشى كۆرىشىدىغان ئادەمگە ياتلىق بولۇشنىڭ نەقەدەر بەختلىك ئىش ئىكەنلىكى تېخىمۇ ئېنىق بىلىدۇ.

 ئۆزىنى زورلاپ بەختلىك ھېس قىلىش، ئۇ بەخت ئەمەس، بەلكى ئازاب.

- ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، ئۇ ئەينى چاغدا نېمە ئۈچۈن... - دېدى دىلنار.

- ئاشۇ قېتىمنى قولدىن بېرىپ قويسا، ئۇ مەۋلان بىلەن قايتا بىللە بولالمايتى، - دېدى  دىلارە كۆزىنى يېنىك چىمچىقلىتىپ،  - ھەممىسى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئىش، زۇبەيدە بەلكىم كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن بولۇشى مۇمكىن، مەۋلان ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى  توسالغۇ ، - دېدى .

مەۋلانىڭ قەيىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، لېكىن زۇبەيدە ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ.

 ئۇنىڭ ئەسكى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ياخشى كۆرۈپ قالدى.

كۆڭلىدە ئويلايدىغىنى، ھەتتا بارلىق كەيپىياتنىڭ مەنبەسى مەۋلان.

 مەۋلان قانچىلىك ، قانچە قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزسۇن، ئون مىڭ خىل باھانە بىلەن ئۇنى ئەپۇ قىلىۋېتىشقا ئۆزىنى زورلىيالايدۇ.

 مەۋلاننىڭ كۆڭلى سەل يېرىم بولسا، زۇبەيدە ئۇنىڭدىن مىڭ ھەسسە ئارتۇق بىئارام  بولىدۇ...

بۇنداق قىلغۇسى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى كونترول قىلالمايدۇ.

 دىلنار سۈكۈتكە چۆكتى.

تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ...  ھەقىقەتەن شۇنداق.

دىلارە ئىليار يوق ئەھۋالدا يۈز بەرگەن بۇ ئىشنى ئەكرەمنىڭ ئىليارغا دېمەسلىكىنى ئېيتتى.

ئەكرەممۇ ئىشنى دەڭسەپ كۆرۈپ، بۇ توغرىلىق ھېچنېمە دېمىدى.

 كۆڭۈل تىنچ ئۆتكەن بىر كۈن تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ...

 بوشى مالىيە گۇرۇھى ھەرىكەت قىلمىسىمۇ،  پەقەت توردا نۇرغۇن ئادەم دىلارەنى مەجبۇرىي ھالدا <لاھىيە ئوغرىلاش قىلمىشى> بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتىگە ۋە شىڭچېن خەلقئارا شىركىتىگە تەسىرى چوڭ بولدى.

 ھەتتا زۇبەيدەنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى ماركىسىنىڭ ئىناۋىتىگىمۇ تەسىر يەتتى.

ئەتىسى دىلارە دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان چاغدا، زۇبەيدە ئۇنى ئىزدەپ كەلدى.

دىلارە بۇ ئىشنى تىلغا ئالمىدى، زۇبەيدەمۇ سورىمىدى.

 ئۆيىگە قايتىدىغان ماشىنىدا:

- مەن بۇ شەھەرگە قايتىپ كەلگىمۇ شۇنچە ئۇزۇن بولدى، شىركەتتە بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار دۆۋىلىنىپ كەتتى. ھېلىمۇ ياخشى سىزگە ھېچ ئىش بولماپتۇ، مەنمۇ خاتىرجەم ھالدا   قايتىپ كېتەلەيدىغان بولدۇم.  - دېدى زۇبەيدە .

دىلارە لېۋىنى پۈرۈشتۈرۈپ:

- شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى نورمال بىر تەرەپ قىلالايسىز، جىددىيلەشمەڭ، - دېدى.

 بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، سۇس كۈلۈمسىرەپ :

- بەلكىم سىز زاۋۇتقا بىر تۈركۈم مالنى كۆپەيتىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ. - دېدى.

 زۇبەيدە ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ:

- مەن سىزنىڭ يەنە قانداقتۇر ھىيلە-مىكىر ئىشلەتكەنلىكىڭىزنى بىلەتتىم.  - دېدى.

دىلارە كۈلۈپ قويدى.

 زۇبەيدە دەرھال قۇچاقلىۋېلىپ:

-  دەپ بېرىڭە، سىز يەنە نېمە قىلماقچى؟ - دېدى.

 دىلارە بېشىنى چايقاپ:

-  مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ ، - دېدى.

زۇبەيدە ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە يۆلىنىپ:

- مەن يەنىلا سىزنى ئاز-تولا چۈشىنىمەن. بوۋاينىڭ داچىسىغا  بارسىڭىز ئۇدۇل بېرىپ قايتمامسىز،   بىر خىزمەتكار بىلەن قاتتىق تۇتۇشۇپ قېلىش سىزنىڭ ئۇسلۇبىڭىزغا ئوخشىمايدۇ... - دېدى.

 دىلارە كۈلۈمسىرىگەن ھالدا  ئۇزۇن يىللىق دوستىغا قاراپ:

- گۈلسۈم ھەدە ئىلگىرى دائىم مەخبۇبە ئۈچۈن ئۇچۇر يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا مېنى ئامالسىز قالدۇراتتى، مەن شۇنچە ئىچى تار ئادەم تۇرسام، ئۇنىڭ  ئالدىمدا  كۆرەڭلەپ يۈرىشىگە قاراپ تۇرالامدىم؟  پەقەت مېنىڭ تەلىيىم باركەن، داچىغا بارغان ۋاقتىمدا ئۇنىڭ باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم، دەل ئۇنى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىشىمگە سەۋەب بولۇپ قالدى، - دېدى.

 زۇبەيدە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ بېشىنى لىڭشىتىپ:

- سىزنىڭ  ھەقىقەتەن تەلىيىڭىز بار ئىكەن. لېكىن، بۇ ئىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن تەقدىردىمۇ، بۇ قېتىم قايتىپ بارغاندا ھېلىقى گۈلسۈم ھەدىنى بوش قويۇۋەتمەيسىزغۇ دەيمەن؟ ھەم گۈلسۈم ھەدىنى قوغلىۋېتەلەيسىز، ھەم كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتالايسىز،  ئىككىلا تەرەپكە ياخشى، شۇنداقمۇ؟  - دېدى .

ئوخشاش تىپتىكىلەر دوست بولۇپ قالىدۇ دېگەن گەپ راستمۇ قانداق.

زۇبەيدە دىلارە بىلەن ياخشى دوستلاردىن، ئۇلارنىڭ ئوخشاش تەرەپلىرىمۇ كۆپ، ئۇلار ھەم بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئىلگىرەلەيدۇ.

 ھەر ئىككىلىسى زېرەك ئادەملەر، ھېسسىيات ئىشىدا جاھىل بولغاندىن باشقا. سودا ساھەسىدە ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ بېسىپ چۈشەلەيدۇ.

 زۇبەيدەنىڭ پەرىزى تامامەن توغرا ئىدى، لېكىن ئۇ شۇ تاپتا يەنىلا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، چۈشىنەلمەي :

- بىراق سىز ئىشنى شۇنچە چوڭايتىۋەتتىڭىز.  ھەممە ئىشلار قالايمىقان بولۇپ كەتتى. ئەمدى قانداق قىلىپ قايتا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلالايسىز؟ - دەپ سورىدى. 






 


 



  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章