بايرامدا سەپەرگە چىقىدىغان شوپۇرلار دىققەت

文摘   2024-09-29 20:27   新疆  

  2024- يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، دەم ئېلىش ۋاقتى تەڭشىلىپ، جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا، يەتتە كىشىلىك ۋە يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتنىسا يول يۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدۇ، يول يۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدىغان ۋاقىت : 10- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 0 دە باشلىنىپ 7- كۈنى سائەت 24 تە ئاخىرلىشىدۇ.

  ئالاھىدە ئەسكەرتمە: قانداق قىلغاندا ھەقسىز يول يۈرۈش سىياسىتىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ؟ 

  مەيلى سىز قايسى ۋاقىتتا يېپىق شەكىلدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولغا كىرىڭ، پەقەت ھەقسىز يول يۈرۈش ۋاقىت بۆلىكىدە چىقىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىنىدىغان ئاپتوموبىل يولىدىن ئايرىلسىڭىزلا، ھەقسىز يول يۈرۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايسىز. ئەگەر سىزنىڭ يول يۈرۈۋاتقان ۋاقتىڭىز ھەقسىز يول يۈرۈش ۋاقىت بۆلىكىنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتىغا يېقىنلاشقان، لېكىن تېخى مەنزىلگە يېتىپ بارمىغان بولسىڭىز، يېقىن ئەتراپتىكى ھەق ئېلىش پونكىتى ئارقىلىق مۇددەتتىن بۇرۇن ھەق ئېلىنىدىغان يولدىن ئايرىلسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئىلگىرى يۈرگەن مۇساپىڭىز ھەقسىز بولۇپ، ئەڭ زور دەرىجىدە ھەقسىز يول يۈرۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايسىز. 


     تەييارلىغۇچى: قەدىرىيە قەيسەر، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت

نازارەتچى:  ئەركىن رەخمىتۇللا



新疆1074交通文艺广播
新疆广播电视台1074交通文艺广播 TEL:0991-2500330 2500362
 最新文章