ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ مىللەتلەر كوچىسى كېلەر يىلى يېڭى قىياپەتتە كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ.
تيانشان رايونىنىڭ بۇلاق بېشى كوچىسى 349- نومۇرغا جايلاشقان شىنجاڭ مىللەتلەر كوچىسى-- 20 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بولغاچقا، نۇرغۇن ئۈسكۈنە ۋە قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى كونىراپ كەتكەن بولۇپ، جىددىي دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ياخشىلاشقا توغرا كەلدى.
يېقىندا، بۇ كوچىنىڭ ئەتراپى يېشىل توسۇق بىلەن توسۇپ قويۇلغان بولۇپ، ئىشچىلار كونىراپ كەتكەن ئەسلىھەلەرنى ئېلىۋېتىش خىزمىتىنى ئىشلىمەكتە. كەلگۈسىدە بۇ يەردە مەدەنىيەت- سودا- ساياھەت، مېھمانساراي، ئائىلىۋى مېھمانخانا ۋە ئۆزگىچە يېمەك- ئىچمەك، ئۆزگىچە ھۈنەر- سەنئەت مەھسۇلاتلىرى بىر گەۋدە قىلىنغان، يېپيېڭى، ئۇنىۋېرسال، يەر بەلگىسى خاراكتېرلىك سودا بىناسى بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى بىلەن ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلۇپ، مەدەنىيەت- ساياھەت بەلبېغى شەكىللەندۈرىلىدۇ.
تەييارلىغۇچى: قەدىرىيە قەيسەر، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا