مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز38-قىسىم - خىجىل بولغۇدەك نېمىسى بار؟

文摘   小说   2024-07-30 14:04   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق 54-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231



3736


 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

38-قىسىم

 


    38قىسىم

 ئۆز ئېرىنى ئويلاشنىڭ خىجىل بولغۇدەك نېمىسى بار؟ !


دېڭىز كۆكى رەڭلىك ماشىنا ئۈزۈك سىزىقتىن  ئايلىنىپ ئۆتتى.

زىلالە ماشىنىنى ھەيدەپ، يول بويى گەپ قىلمىدى.

بايا جەسۇر بىلەن ئەنۋەرنىڭ گەپلىرىنى ئۇمۇ ئاڭلىدى.

پەرەز قىلىش تەس ئەمەسكى، جەسۇرنىڭ بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئۆيگە قايتماسلىقىدىكى سەۋەب،  ئېغىر زۇكىمىنىڭ زىلالەگە يۇقۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىشىدىن بوپتۇ.

ماشىنا قىزىل چىراغدا توختىدى،  زىلالە ئاستا بۇرۇلۇپ جەسۇرغا قارىدى.

يۆتىلىپ ياخشى ئۇخلىيالمىغانلىقتىن بولسا كېرەك، كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى.

زىلالە تۇيۇقسىز بۇ ئەرنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بايقىدى.

سودا مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئەشەددىي رەقىبىنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى  بىلەن توي قىلدى.

يەنە تېخى ئۇنىڭغا زۇكام يۇقتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئىشخانىدا ياتتى.

زادى ... قايسى  جەسۇر ھەقىقىي جەسۇر؟؟

زىلالە ئۇنىڭ يەنە يۆتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مىنېرال سۇنى ئېلىپ سۇنۇپ:

- ئازراق سۇ ئىچىپ گېلىڭىزنى نەمدىۋېلىڭ. - دېدى.

جەسۇر  سۇنۇلغان مىنېرال سۇنى قولىغا ئېلىپ ئىچمەي، يانچە قاراپ، يۆتىلىنى توختىتىپ:

- كۆرۈشمىگىلى ئاران ئۈچ كۈن بولدى، ئالدىراپ مېنى ئالغىلى بېرىپسىز، خوتۇن مەندىن شۇنچە ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ - دېدى. 

كوچا چىرىغىنىڭ نۇرى دېرىزىدىن چۈشۈپ، ئەرنىڭ يان يۈزىنى سۇس ئالتۇن جىيەك بىلەن بۇيىدى.

ماسكا يۈزىنىڭ كۆپ قىسمىنى توسۇۋالغاچقا، زىلالە ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىنى ئېنىق كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، بىر جۈپ كۆزنىڭ ئىچىدە، ئۇ پىششىق بىلىدىغان بىزەڭلىك چىقىپ تۇراتتى.

گېلى پۈتۈپ گەپ قىلالماي قالغانلىقىغا قارىماي، يەنىلا ھېلىقى لۈكچەكلىكىنى تاشلىمىغىنى قارا!

- مەن پەقەت  خوجىلىق ھەققىنى تاپشۇرىدىغان ۋاقىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويماقچى بولۇپ باردىم ، - دېدى زىلالە  ئۇنىڭغا  قاراپ ئالىيىپ قويۇپ، ماشىنىنى قوزغاتتى.

ياردەمچى شوپۇر ئورنىدىكى جەسۇر بوغۇق ئاۋازدا كۈلۈپ كېتىپ:

-  خوجىلىق ھەققىنى ھەر يىلى 3-ئايدا يىغىدۇ، خوتۇن سىزنىڭ يالغان سۆزلەش ماھارىتىڭىز ھەقىقەتەن ئادەتتىكىچە ئىكەن. مېنى سېغىنغان بولسىڭىز ئۇدۇل دېمەمسىز، ئېرىنى سېغىنغاننىڭ خىجىل بولغۇدەك نېمىسى بار؟ !  - دېدى.

زىلالە ئاچچىقىدا چىشىنى چىشلىدى.

بالدۇر بىلگەن بولسا، ئۇنى ئېلىپ كەتمەستى، ئىشخانىدا يالغۇز يۆتىلىپ ئولتۇرغان بولسا بوپتىكەن.

 گەپ تالىشىشتا ئۇنى يېڭەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ئالدىغا قاراپ ماشىنىسىنى ھەيدىدى.

جەسۇر يانغا بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئاچچىقىدا پۈرۈشتۈرگەن لەۋلىرىگە تىكىلىپ قارىدى.

 ماسكا ئىچىدە كۈلۈمسىرەپ،  كۆزلىرى قىسىلىپ كەتتى.

زىلالە ماشىنىنى ئولتۇراق رايون ئەتراپىدىكى يول بويىغا توختىتىپ، دورىخانىغا كىرىپ، كېكىردەكنى سىلىقلايدىغان تابلېتكا سېتىۋالدى.

يەنە ياندىكى مېۋە-چېۋە دۇكىنىغا بېرىپ، بىر نەچچە تال نەشپۈتنى تاللاپ، قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا ناۋات نەشپۈت سۈيى قاينىتىپ بەرمەكچى بولدى.

يان تېلېفوندا كودنى سىكاننېرلاپ پۇل تۆلىمەكچى بولۇپ، تۇيۇقسىز بىر ئىشنى ئويلاپ قالدى.

تېلېفوننى يانچۇقىغا سېلىپ،  بۇرۇلۇپ ماشىنىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ:

- يان تېلېفونۇمنىڭ توكى قالمىدى، تېلېفونىڭىزنى ئىشلىتىپ تۇراي. - دېدى.

جەسۇر يانفونىنى چىقىرىپ :

 - مەخپىي نومۇر  ئۆينىڭ مەخپىي نومۇرى بىلەن ئوخشاش، - دېدى.

زىلالە يان تېلېفونىنى ئېلىپ مېۋە دۇكىنىغا قايتىپ كېلىپ < 0921 >  تۆت خانىلىق ساننى كىرگۈزدى، يان تېلېفون ھەقىقەتەن ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى.

پۇلنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن،  يول بويىدىكى ماشىنىغا قارىۋېتىپ، جەسۇرنىڭ يان تېلېفونىدىكى تاماق بۇيرۇتۇش ئەپ دېتالىنى تېپىپ ئېچىپ، زاكاز تالوننى ئېچىپ كۆردى.

ئۈستىدە كۆرسىتىلگەن ئەڭ يېڭى بىر نەچچە زاكاز دەل ئۇ قوبۇل قىلغان بىر نەچچە قېتىملىق تاماق ئىدى.

دەرۋەقە، ئۇكەن!

- يەنە كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن!  - دۇكاندار نەشپۈتنى خالتىغا سېلىپ سۇندى.

زىلالە نەشپۈتنى ئېلىپ، ماشىنىغا چىقىپ، تېلېفوننى قايتۇرۇپ بەردى.

جەسۇر تېلېفوننى ئېلىپ، تۇيۇقسىز بىر ئىشنى ئويلاپ، تۈز ئولتۇرۇپ:

- خوتۇن، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مېنىڭ ئالبومىمنى ئوغرىلىقچە كۆرمىگەنسىز؟  - دېدى.

زىلالە ماشىنىنى ئالدىرىماي قوزغىتىپ:

 -  باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىنى ئوغرىلىقچە بىلىشكە قىزىقمايمەن. - دېدى. 

جەسۇر قايتىدىن ئورۇندۇققا يۆلىنىپ، يان تېلېفونىنى ئاچتى.

زىلالە ئۇنىڭغا يانچە قاراپ قويدى.

 يان تېلېفون ئېكرانىدا، سۈرەت كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئالبوم رەتلەۋاتقاندەك قىلاتتى.

بايا تېلېفوننى ئۇنىڭغا بەرگەندە،  سەل جىددىيلىشىپ قالدىمۇ قانداق ؟ ئەجىبا ...ئالبومىدا كۆرسە بولمايدىغان  مەخپىيەتلىك بارمۇ؟

بەلكىم باشقا ئاياللارنىڭ رەسىمى بولۇشى مۇمكىن!

ئىككىيلەن ياتاق بىناسىغا قايتىپ كەلدى، جەسۇر چوڭ ياتاق ئۆيگە قايتىپ يۇيۇندى، زىلالە پەلتوسىنى سېلىۋېتىپ ئاشخانىغا كىردى.

 باشقىلار زۇكام بولۇپ قالسا بىر ھەپتىدىلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇ  ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ھەپتىدە ئاران ياخشى بولىدۇ.

شۇڭا، ھەر يىلى كۈز ۋە قىش پەسلىدە زۇكام بولۇشتىن  ئەڭ قورقىدۇ.

ئىلگىرى دادىسى دائىم خىزمەتكارلارغا  ناۋات  بىلەن نەشپۈتنى قاينىتىپ بېرىپ، ئۆپكىسىنى ئاسراشنى تاپىلايتتى.

خىزمەتكارنىڭ ئۇنىڭغا نەشپۈت پىشۇرۇپ بېرىش ئۇسۇلى بويىچە، خام ماتېرىياللارنى تەييارلاپ ناۋات بىلەن نەشپۈت قايناتتى.

نەشپۈت پىشقاندا، يېپىشقاق شورپىسى چىقتى.

 بىر قاچا ئۇسۇپ، تاماق ئۈستىلىگە ئېلىپ چىقىپ:

ـ  كېلىپ نەشپۈت سۈيى ئىچىۋېلىڭ، - دېدى.

- قويۇپ قويۇڭ،  سەل تۇرۇپ ئىچەي.  - جەسۇرنىڭ ئاۋازى كۇتۇپخانىدىن ئاڭلاندى.

خىزمەت تەلۋىسى!

زىلالە ئامالسىز  كۇتۇپخانىغا ئەكىرىپ بەرمەكچى بولدى.

جەسۇر ئۈستەل يېنىدا ئولتۇراتتى.  كىتاب ئۈستىلىدە كومپيۇتېر، ھۆججەت، ماتېرىيال جەدۋىلى پۈتۈن ئۈستەلنى بىر ئاپتۇ.

زىلالە قاچىنى كىرىسلۇنىڭ يېنىدىكى چاي ئۈستىلىگە قويۇپ،  ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:

- خىزمەتنى مەڭگۈ قىلىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، بۈگۈن بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ، - دېدى.

جەسۇر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنى كۆتۈرۋالدى.

 توغرىسىغا ئەمەس، بەلكى كىچىك بالىنى كۆتۈرگەندەك، بېلىنى تۇتۇپ، ئىككى پۇتىدىن ئېگىز كۆتۈردى.

زىلالە چۆچۈپ كېتىپ،  مۈرىسىدىن تۇتۇپ سىلكىپ:

- نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟ - دېدى.

-خوتۇنۇم قايتا-قايتا تەلەپ قىلغان ئىكەن، مەن دېگەن ئەر كىشى چوقۇم  رازى قىلمىسام بولمايدۇ، - دېدى. 

جەسۇر ئۇنى كۆتۈرۈپ، كىتابخانىدىن چوڭ قەدەم بىلەن چىقىپ،  كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ، پوپايكىسىنى تارتتى.

زىلالە قولىنى كۆتۈرۈپ  مۈرىسىدىن ئىتتىرىپ:

-مۇشۇنداق يۆتىلىپ قېلىپمۇ قالايمىقان ئىش قىلىپ يۈرسىڭىز، ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قالغۇڭىز كەلدىمۇ؟؟  - دېدى.

جەسۇرنىڭ قولى ئۇنىڭ بېلىدە توختاپ قالدى.

ماسكىنىڭ سىرتىغا چىقىپ قالغان كۆزلىرى يوغىناپ:

 - خوتۇن،  ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟  - دېدى.

 - مېنىڭ سىز بىلەن بىللە زۇكام بولۇپ قالغۇم يوق! - دېدى زىلالە.

جەسۇر يەنە بىر نېمىدۇر دېمەكچى بولدى، ئەمما گېلى قىچىشىپ گەپ قىلالماي قالدى.

 ئورنىدىن تۇرۇپ، چوڭ قەدەم بىلەن سىرتقا چىقىپ، ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى يېپىپ قويدى.

زىلالە ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن جەسۇرنىڭ ئۇنى كىچىك ياتاق ئۆيىگە ئەپكىرىپ ئۆزىدىن ئايرىماقچى بولغانلىقىنى بىلدى.

جەسۇرنىڭ ئۆزى بىلەن ئوينىشىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىپ، كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى، ئىشىك سىرتىدىكى ئەرنىڭ غۇۋا يۆتەلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئالدىراپ-تېنەپ ئورنىدىن تۇرۇپ:

- نەشپۈت سۈيىنى ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. - دېدى. 

-  بىلدىم!  - جەسۇر ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپ ماقۇل بولۇپ، بۇرۇلۇپ كۇتۇپخانىغا قايتتى.

ماسكىنى ئېلىۋېتىپ، ئۈستەلدىكى نەشپۈت سۈيىنى ئېلىپ، بىر تەرەپتىن ئىچىپ، بىر تەرەپتىن ئۈستەلدىكى ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى كۆردى.

ئەگەر زىلالە بايا دىققەت قىلغان بولسا، چوقۇم بايقىيالايتتى.

ئۈستەلدىكى ھەممىسى تيەننىڭ شىركىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر.

بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، جەسۇر ئىزچىل ئىسمېنا قوشۇپ  تيەننىڭ شىركىتىنىڭ سېتىۋېلىش ئىشىنى بىر تەرەپ قىلدى.

ھازىر، قەيسەر زىلالە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىلىپ بولدى.

جەسۇر چوقۇم قەدىمىنى تېزلىتىپ، قەيسەر گۇمانلىنىش، ئېھتىيات قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشتىن بۇرۇن، ئامالنىڭ بارىچە تيەننىڭ شىركىتىنىڭ دەسلەپكى پاي ھوقۇقىنى قولغا چۈشۈرۈشى كېرەك.

شۇنداق قىلغاندىلا، ئۇ قەيسەردىن بىر قەدەم ئالدىدا تۇرۇپ، تيەننىڭ شىركىتىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، زىلالەغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.

سودا ساھەسى  جەڭ مەيدانىغا ئوخشايدۇ.

ئۇ توختاپ قالسا،  دۈشمەنگە پۇرسەت بەرگەن بولىدۇ.

ئەتىسى زىلالە سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، جەسۇرنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتتى.

ھېلىمۇ ياخشى، رېنتىگېن نۇرىدا تەكشۈرگەندە، ئۆپكىسى يۇقۇملانماپتۇ، پەقەت زۇكامنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى يۇتقۇنچاق ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۆتەل ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

زىلالە ئاخىرى خاتىرجەم بولۇپ، ماشىنىنى ھەيدەپ ئۇنى پۇل مۇئامىلە بىناسىغا ئاپىرىپ قويدى.

ماشىنا توختىتىش ئورنىنى تېپىپ توختاتقاندىن كېيىن، ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئۇنىڭغا سۇندى.

جەسۇر يانغا بۇرۇلۇپ،  ئاچقۇچنى ئالماي:

ـ  ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى،  ماشىنامنى ھەيدەپ بېرىڭ، ئىشقا كېچىكىپ قالماڭ.  - دېدى.

زىلالە يەنىلا رەت قىلدى، جەسۇر يۈزىنى يانچە قىلىپ، ماسكا ئارقىلىق ئۇنىڭ لېۋىگە يېنىك سۆيۈپ قويۇپ:

- خوتۇن، كەچتە كۆرۈشەيلى!  -  گېپىنى تۈگىتىپلا كەينىگە قاراپمۇ قويماي ماشىنىدىن چۈشۈپ كېتىپ قالدى.

زىلالە شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرۇپ، ئاستىنقى لېۋىنى چىشلىدى.

 كۆپ قېتىم سۆيۈپ باققان بولسىمۇ، ماسكا ئارقىلىق ھەتتا ئەمەلىي ئۇچراشمىغان بۇ سۆيۈشۈش ئۇنى ئىختىيارسىز ھاياجانغا سالدى.

ئەسكى سولتەك،  ئادەمنى قايمۇقتۇرۇپلا يۈرگەن!

ئاران دېگەندە ئېسىگە كەلگەن زىلالە ۋاقىتقا قارىدى.

ئەتىگەندە دوختۇرخانىغا بارغان بولغاچقا، ھازىر سائەت توققۇزغا يېقىنلىشىپ قالغانىدى.

بۈگۈن ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم مۇزىكا ئۆمىكىگە بېرىپ خىزمەت قىلىشى، كېچىكىپ قالسا ھەقىقەتەن ياخشى بولمايدۇ.

تاۋىنازۇكلۇق قىلىشقا ۋاقىت يوق بولغاچقا  ماشىنىنى قايتىدىن قوزغىتىپ، ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن ھەيدەپ چىقتى.

سائەت 9 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، دېڭىز كۆكى رەڭلىك ماشىنا ئوڭۇشلۇق ھالدا مۇزىكا ئەترىتى تۇرۇشلۇق بىنانىڭ ئاستىغا كەلدى.

زىلالە ئالدىدىكى قىزىل رەڭلىك ماشىنىنىڭ توختىغانلىقىنى بايقاپ، ناھايىتى ئەدەپ بىلەن ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى.

قىزىل رەڭلىك بۇ ماشىنا مەربىيەنىڭ ئىدى. مەربىيە ماشىنىنى توختىتىپ بولغاندىن كېيىن، ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتۇپ ماشىنىدىن چۈشتى.

ئۇ يېقىنلا يەردىلا تۇرغان مۇزىكا ئەترىتىدىكى ياش مۇزىكانتلارنى كۆرۈپ، كۈلۈپ تۇرۇپ ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ:

- خەيرلىك سەھەر!  - دېدى.

بىر نەچچە مۇزىكانت بۇرۇلۇپ، مەربىيە ۋە ئۇنىڭ ماشىنىسىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.

- مەربىيە ئاچا، ماشىنىڭىز بەك ئېسىلغۇ! 

- ۋاھ، ئۆزىنىڭ ماشىنىسى  بولسا نېمە دېگەن ياخشى. 

ـ  شۇنداق، كۈندە مېتروغا قىستىلىپ ئولتۇرمايدۇ، بۈگۈنمۇ باشقا ۋاقىتلارغا ئوخشاش  ئادەم بەك كۆپ، بېكەتتىن ئۆتۈپ كەتكىلى تاس قالدىم. - دېيىشتى. 

مەربىيەنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكى زور دەرىجىدە قانائەت ھاسىل قىلدى.

 ياش ئايال مۇزىكانت تۇيۇقسىز ھەمراھىنىڭ بىلىكىنى سىلكىپ:

 بۇ ماشىنىنىڭ باھاسى بىر مىليون يۈەندىن ئاشامدۇ؟ - دەپ سورىدى.

- ئۇنچە قىممەت ئەمەس. - دېدى مەربىيە پەخىرلىنىپ، ئەمما  يەنىلا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ،   باجنى قوشقاندا يەتتە-سەككىز يۈز مىڭ يۈەن !  - دېدى! 

ـ  ھە، مەربىيە ئاچا، مېنىڭ دېگىنىم ئاۋۇ ماشىنا، - دېدى  ئايال مۇزىكانت قولىنى كۆتۈرۈپ  كەينى تەرەپنى كۆرسەتتى.

مەربىيە بېشىنى بۇراشتىن بۇرۇن، يەنە بىر مۇزىكانت ئېغىز ئېچىپ :

 ماشىنىنىڭ ئالدىدىكى بەلگىسىنى تونۇمىدىڭىزمۇ،  روللىس رويىس، ئاز دېگەندىمۇ نەچچە مىليون يۈەن.  - دېدى.

مەربىيە بۇرۇلۇپ،ھەيۋتلىك دېڭىز كۆكى رەڭلىك ماشىنىنىڭ   ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ يېنىدىكى ماشىنا توختىتىش ئورنىغا كېلىپ توختىدىغانلىقىنى كۆردى.

ماشىنا ئىشىكى ئېچىلىپ، چىرايى نازاكەتلىك  قىز ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتۇپ، شوپۇر ئورنىدىن چۈشتى.

شۇ دەمدە مەربىيەنىڭ قارا كۆزئەينىكىنىڭ كەينىدىكى كۆزلىرى  يوغىناپ كەتتى.

زىلالە؟ !

 

 

..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章