جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى

时事   2024-10-24 12:01   北京  

داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىدىن جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى!

2024-يىللىق داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش يۈزلىنىشى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ۋە كۆك تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىش يىغىنى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا «جۇڭگو داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تەرەققىياتى دوكلاتى (2024~2023)» ئېلان قىلىندى.

 مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغان تارماقلارغا ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلمايدىغان تەكشۈرۈشى پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئۆلكىلەرنى قاپلىغان بولۇپ، بېكىتىلگەن تېببىي دورا ئاپپاراتىدىن 500نى تەكشۈرگەن. بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 9 ـ ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرى جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى قايتۇرۇۋالغان.

 كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلمايدىغان تەكشۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش، ئۆز ـ ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئۆز ـ ئۆزىنى  تۈزىتىشنى پۇختا ئىشلەش، چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئاشكارىلاش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي ياخشى قوغدايدۇ.


مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سىنۋالنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى

ئامېرىكا، كانادا ھەربىي پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى نەپ

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章