شىنجاڭدا يېڭى بىر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى

时事   2024-10-23 21:00   北京  

شىنجاڭدىكى تۇنجى كۆچمەنلەر ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى

 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى كۆچمەنلەر ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى (چەت ئەل ئىختىساسلىقلىرى مۇلازىمەت مەركىزى) رەسمىي يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى. بۇ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى كۆچمەنلەر ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى بولۇپ، كۆزنەك ئىقتىدارى تولۇق، مۇلازىمىتى مول، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولغان چەت ئەلگە ئالاقىدار ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت ئۇنىۋېرسال سۇپىسىغا ئايلىنىدۇ.

 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، مىسىرلىق بىر كىشى ئۈرۈمچى كۆچمەنلەر ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى (چەت ئەل ئىختىساسلىقلىرى مۇلازىمەت مەركىزى)نىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدا  پۇل ئالماشتۇرماقتا.

بۇ مەركەز دىققەتنى چەت ئەللىك خادىملارنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ خىزمەت قىلىش، تۇرمۇش كەچۈرۈش، داۋالىنىش، مائارىپ، جەمئىيەتكە سىڭىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ، چەت ئەللىك خادىملارنى چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش كەسپىنى بېجىرىش، سىياسەت، قانۇن ـ نىزامدىن مەسلىھەت بېرىش، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن، تىل ـ مەدەنىيەت قاتارلىق «بىر پونكىت شەكلى»دىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇلار «ئېھتىياج يۆنىلىشى، تارماقلار ھەمتۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت قاتنىشىش»تىن ئىبارەت قۇرۇلۇش تەپەككۇرى بويىچە، گۇڭئەن، پەن-تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، مائارىپ قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ساھەدىكى كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈپ «بىر پونكىت شەكلى»دىكى توپلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىغا ئايلاندۇرىدۇ. نۆۋەتتە، بۇ مەركەز ئاساسلىقى «بىر بېكەت شەكلى»دىكى كەسىپ بېجىرىش مەخسۇس رايونى، «تولۇق ئامىللىق» ئاممىۋى مۇلازىمەت مەخسۇس رايونى، «ھەر تەرەپلىمە» مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كۆرگەزمە رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ فۇنكسىيەلىك بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، 17 كەسىپ بېجىرىش ئىش تۈرى ۋە چەت ئەلگە چېتىشلىق 16 مۇلازىمەت ئىش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سىنۋالنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى

ئامېرىكا، كانادا ھەربىي پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى نەپ

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章